2016-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تورى ”جۇڭگودا مەۋلۇت“ فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىمنىڭ باشچىلىقىدا ئۈرۈمچىگە بېرىپ، سۈرەتگە ئېلىش ۋە مەسچىتلەرنى زىيارەت قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى، شۇ كۈنى شەھەرلىك ياڭخاڭ مەسچىتىدە داغدۇغىلىق مەۋلۇت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
مەزكۇر پائالىيەتتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ياڭخاڭ مەسچىتىنىڭ ئىمامى ۋە خاتىپى مۆھتەرەم شېرىپ داموللا ھاجى مەخسۇس ۋەز سۆزلەپ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتى ۋە ئىش-ئىزلىرىنى بايان قىلدى، مۇسۇلمانلارنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى خاتىرىلەپ، باشقىلارغا گۈزەل سۆز-ھەرىكىتى بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا، ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن ياخشى ئۆتۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا چاقىردى. ئۇنىڭدىن كېيىن، پائالىيەتكە قاتناشقان ئىمام-قارىيلار قۇرئان كەرىمنى تەجۋىدلىك قىرائەت قىلدى ۋە «مەۋلۇت شەرىف»نى بىرلىكتە ئېيتىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەدھىيەلىدى. مۇڭلۇق قىرائەت ۋە تەسىرلىك قەسىدىلەر مەسچىتتىكىلەرنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى، جامائەتنىڭ قەلبىدە ئاللاھقا بولغان تەشەككۈر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان مىننەتدارلىق ئۇرغۇپ تاشتى. ئەڭ ئاخىرىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاق مەسچىت ئىمامى ۋە خاتىپى ئابدۇشۈكۈر رەھمىتۇللا داموللا ھاجى ۋەز سۆزلەپ، مۇسۇلمانلارنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى ئۆگىنىشكە، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تۆھپە قوشۇشقا چاقىردى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك بىرلىك سەپ، مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتى، ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى، دىنىي خادىملار ۋە مۇسۇلمانلار ۋەكىللىرى بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.
(رامىزان مىن جۈنچىڭ، يالقۇن ئىسمائىل خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)