باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى -9 نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ 3- سانلىق دائىمىي ھەيئەت ( كېڭەيتىلگەن) ئەزالىرى يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-12-25   
-2015يىل -12ئاينىڭ 24-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى -9نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ 3- سانلىق دائىمىي ھەيئەت (كېڭەيتىلگەن) ئەزالىرى يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇستافا ياڭ جىبو يىغىن خۇلاسىسى قىلدى، مۇئاۋىن رەئىس ئادىل ھاجى كېرىم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ماجىن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن بەدرىددىن گو چېڭجېن، ئابدۇلىتىپ ئابدۇرېھىم، يۈسۈف ليۇ باۋچى، يەھيا ما ۋېنيۈن، ئابدۇللا ما چاڭچىڭ، ۋەققاس ما شوۋشىن، داۋۇت دا چىڭلى، ھەسەن ياڭ فامىڭ، سىددىق مۇ كېفا، ئوسمان ۋاڭ شۇلى،سۇلايمان ليۇ كېجې قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىن داۋامىدا، يىغىنغا قاتناشقان ھەيئەت ئەزالىرى مەركەز بىرلىك سەپ يىغىنى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ جيەنيوڭنىڭ سۆزىنى ئۆگەندى ۋە مۇزاكىرە قىلدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 9-نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ 3- سانلىق دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ۋە قاراپ چىقتى. يىغىن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 9-نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ 3-سانلىق دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى قارارىنى ماقۇللىدى؛ 2016- يىلى جۇڭگو ئىسلام دىنى-10 قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنى ئېچىشنى قارار قىلدى؛ جۇڭگو ئىسلام دىنى-10قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنى ۋەكىللىرى ھەمدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى-10 نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، دائىمىي ھەيئىتىنىڭ نامزات كۆرسىتىش چارىسى ۋە سان تەقسىملەش لايىھەسى )دەسلەپكى لايىھە (گە قوشۇلدى؛ 2016- يىلى جۇڭگو ئىسلام دىنى10- قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنى ئېچىش ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتى ئۈچۈن زۆرۈر تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىدى.
گۇرۇپپىلار مۇزاكىرىسىدە، يىغىن قاتناشچىلىرى شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش، دىنىي خادىملارنى تەربىيەلەش، ھالال يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش ۋە شەرقىي جەنۇبى دېڭىز بويى رايونلىرىدىكى كۆچمە مۇسۇلمانلارغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. شىنجاڭ، نىڭشيا ۋە گەنسۇ قاتارلىق 7 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون ۋە شەھەر)لىك ئىسلام جەمئىيىتى مەسئۇللىرى يىغىندا سۆز قىلىپ، ئىشلىگەن خىزمەتلىرىدىكى يارقىن نۇقتىلار ۋە خىزمەت تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇردى.
يىغىن مەركەز بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ۋە تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئىسلام دىنى ساھەسى ۋە مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ مۇلازىمەت ئېڭى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەت بىلەن ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەشكە چاقىرىق قىلدى.
(رامىزان مىن جۈنچىڭ، مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر خەۋىرى)
يەنە >>سۈرەتلەر