باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 9- نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ 3- سانلىق دائىمىي ھەيئەت(كېڭەيتىلگەن)ئەزالىرى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-12-23   
ئۆز خەۋىرىمىز: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 9- نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ 3- سانلىق دائىمى ھەيئەت(كېڭەيتىلگەن)ئەزالىرى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزالىرىدىن 64 كىشى يىغىنغا قاتناشىتى، بۇ سان نىزامنامەدە بەلگۈلەنگەن بەلگۈلىمىگە ئۇيغۇن. ئېچىلىش مۇراسىمىدا، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى؛ دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ جيەنيۇڭ يىغىندا سۆز قىلدى؛ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېن يىغىندا « جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 9- نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ 3- سانلىق دائىمى ھەيئەت(كېڭەيتىلگەن)ئەزالىرى يىغىنى خىزمەت دوكلاتى»بەردى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىبراھىم خوڭ چاڭيۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
  دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ماجىن، مەركەز بىرلىك سەپ بۆلۈمى 2-ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى لى دەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ئابدۇلىتىپ ئابدۇرېھىم داموللا، ليۇ باۋچى، ما ۋېنيۈن، مۇستاپا ياڭ جىبو، ما چاڭچىڭ، ما شوۋشىن، دا چىڭلى، ياڭ فامىڭ، مۇ كېفا، ۋاڭ شۇلى، ليۇ كېجيې قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى؛ ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ مەسئۇللۇق خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان، ئەمما جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى بولمىغان ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ئىسلام جەمئىيىتى قۇرۇلمىغان شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇسۇلمان ۋەكىلى ھەمدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى، جۇڭگو ئىسلام ئىنىستىتۇتىنىڭ باشقارما، بۆلۈم مەسئۇللىرى بولۇپ 40 قا يېقىن كىشى يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى.
   رەئىس ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ئېچىلىش نۇتقىدا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق يىغىن، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 18- قۇرۇلتاينىڭ 3-، 4- ۋە 5- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، “تۆت ئومۇمىيۈزلۈك” ئىستىراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان، “بىر بەلۋاغ بىر يول” قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىۋاتقان ۋە ئومۇمىيۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىرگەن يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدا، جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر ئاچقان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن بولۇپ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 9- نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ 2- سانلىق دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى يىغىنىدىن بۇيانقى خىزمەتلەرنى ياخشى خۇلاسىلەش، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى نۆۋەت ئالماشتۇرۇش تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش  ۋە كېلەر يىللىق ئىسلام دىنى خىزمىتىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ مۇنۇلارنى ئۈمىد قىلدى: يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، يىغىننى ياخشى ئېچىشىنى، ئەمەلىيەتچان، مەسئۇلىيەتچانلىق ئىستىلى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مەركەز بىرلىك سەپ يىغىنىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشى، 9- نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ 3-سانلىق دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى يىغىنى خىزمەت دوكلاتىنى ياخشى مۇزاكىرە قىلىپ، ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تەكلىپ ۋە پىكىر بېرىشىنى، جايلاردىكى ئىسلام جەمئىيىتى خىزمىتى تەجرىبىلىرىنى ياخىشى تونۇشتۇرۇپ، يىغىننىڭ ھەر تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى، ئىسلام دىنى ساھەسى ۋە مۇسۇلمان ئاممىسى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئېڭىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەت بىلەن ئوزئارا ماسلىشىشقا پائال يېتەكلىشى لازىم.
دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ جيەنيۇڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى9-نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ 2-سانلىق دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى يىغىنىدىن بۇيان، ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىش ۋەزىيتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە خىزمەت قىلىشقا ئاڭلىق بويسۇنۇپ، شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەلەرگە قارشى تۇرۇپ، ئېتىقادچى ئاممىنىڭ دىنىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئېتىقادچى ئاممىنى توغرا ئېتىقاد، توغرا دىنىي پائالىيەتكە يېتەكلىدى؛ ھەجگە مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، خەيرى –ساخاۋەت پائالىيىتى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى تەتقىقات خىزمىتىنى ياخشى ئېلىپ باردى؛ چەت ئەللەر بىلەن بولغان دوستانە بېرىش-كېلىش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت دىپلوماتىيەسى ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدى. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ۋەزىيەتنى توغرا تونۇپ، خىزمەتتىكى بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشى لازىم. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى مەسىلە، يېڭى خىرىس ئالدىدا، جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر كاللىسىنى سەگەك تۇتۇشى، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە ئومۇمىي ۋەزىيەت ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىشى، ھەرخىل خاتا ئىدىيە ۋە قىلمىشلار بىلەن كۆرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىشى، ئىسلام دىنى ساھەسىدە ئاسان قولغا كەلمىگەن ياخشى ۋەزىيەتنى ھەقىقىي قوغدىشى لازىم. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەستايىدىل خىزمەت قىلىپ، تېخىمۇ چوڭ رولىنى جارى قىلىشى لازىم. بىرىنچىدىن، مەركەزنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشى؛ ئىككىنچىدىن، جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆلۈنۈشىدە چىڭ تۇرۇشى؛ ئۈچىنچىدىن، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەلەرگە بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇشى ؛ تۆتىنچىدىن، ئىسلام دىنى زاتلىرى قوشۇنىنى تەربىيەلەش قورۇلۇشىنى كۈچەيتىشى ؛ بەشىنچىدىن، ھەجگە تەشكىللەش ۋە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى ۋە ياخشىلىشى؛ ئالتىنچىدىن، ئىسلام جەمئىيىتى ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى؛ يەتتىنچىدىن، جۇڭگو ئىسلام دىنى 10-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.
   جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېننىڭ يىغىندا قىلغان « جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 9- نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ 3- سانلىق دائىمى ھەيئەت(كېڭەيتىلگەن)ئەزالىرى يىغىنى خىزمەت دوكلاتى»دا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتى ۋە دىنىي خىزمەت ئاساسىي فاڭجىنىنى ئومۇمىي يۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىلەشتۈرۈشكە ياردەمدە بولۇش، شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ھەجگە تەشكىللەش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، خەيرى-ساخاۋەت ۋە جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش ئىشلىرىنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇش، مەملىكىتىمىزدىكى ئىسلام ئىنىستىتۇتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، چەت ئەل بىلەن بولغان دوستانە بېرىش-كېلىش پائالىيىتىنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇش، ئىسلام مەدەنىيىتى تەشۋىقاتى ۋە ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىق سەككىز تەرەپتىن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى9- نۆۋەتلىك ھەيئىتىنىڭ 2-سانلىق دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى يىغىنىدىن بۇيانقى خىزمەتلىرىدىن ئومۇمىي يۈزلۈك خۇلاسە چىقاردى ھەمدە يېقىنقى مەزگىلدىكى خىزمەت ئوي-پىكىرى ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. 
(رامىزان مىن جۈنچىڭ، ھاجى بارات رەجەپ خەۋىرى)
 
يەنە >>سۈرەتلەر