باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

كالېندارچىلىق دىنىي مۇھاكىمە يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-12-15   
ئۆز خەۋىرىمىز: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى جايلاردىكى ئىسلام كالېندارى مۇتەخەسسىسلىرى ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئىسلام دىنى ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتى كاتىبات گۇرۇپپىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىنى چاقىرىپ، 2016-يىللىق ئۈچ خىل كالېندار(مىلادىيە، قەمەرىيە، ھىجرىيە كالېندارى) ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ خىل كالېندارنى ھېسابلاش ۋە تۈزۈشنىڭ كونكرېت ھالقىلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. بۇ يىغىن دۆلىتىمىز مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىپ، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى بىرلىك، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېن يىغىندا سۆز قىلدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھەسەن ياڭ فامىڭ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئابدۇللا جىن رۇبىڭ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئىسلام دىنى ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، خېنەن ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لۈ جىڭخۇ ئاخۇن، ئۈرۈمچى ياڭخاڭ مەسچىتىنىڭ خاتىپى مۆھتەرەم شېرىپ داموللا ھاجى قاتارلىقلار، شۇنداقلا جۇڭگو ئىسلام دىنى ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتى كاتىبات گۇرۇپپىسى ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ھەر يىلى ۋاقىت ھېسابلاش قائىدىسىگە ئاساسەن مىلادىيە، قەمەرىيە، ھىجرىيە كالېندارلىرىنىڭ سېلىشتۇرما جەدۋىلىنى ئىشلەپ، دۆلىتىمىز مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىبادەت ۋە ھېيت-ئايەم كۈنلىرىنى بېكىتىپ كەلمەكتە، بۇنىڭ ھەممىسى مۇھىم يېتەكلەش رولىغا ئىگە بولۇپ، جايلاردىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ھېيت-بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى بېكىتىش ۋە بۇ كۈنلەردىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىدە پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە. 

(ئەلى ما خەيياڭ، ئىسمائىل جىن بياۋ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەرجىمە تەھرىرى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر