باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

رۇسىيە مۇپتىلار ھەيئىتى ۋەكىللىرى ئۆمىكى تەكلىپكە بىنائەن جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-12-01   
ئۆز خەۋىرىمىز: جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، رۇسىيە مۇپتىلار ھەيئىتى رەئىسى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئىسلام دىنى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ رەئىسى شەيخ لاۋىر غەينۇدىن باشچىلىقىدىكى 5 كىشىلىك ئۆمەك 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى.
11-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلىپ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېن، مۇئاۋىن رەئىس مۇستافا ياڭ جىبو ۋە ئادىل ھاجى كېرىملارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. مۇئاۋىن رەئىس بەدرىددىن گو چېڭجېن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىددىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇنغا ۋاكالىتەن شەيخ لاۋىر غەينۇدىننىڭ ئۆمەك باشلاپ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ”يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىككى تەرەپ «ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى» رامكىسى ئىچىدە قويۇق ئالاقە ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىش ئارقىلىق ئىسلام دىنى ساھەسىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، دوستانە مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئىككى دۆلەت مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىكى دوستلۇقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن“. شەيخ لاۋىر غەينۇدىن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رۇسىيە مۇپتىلار ھەيئىتى ئۆتكۈزگەن ھەر خىل پائالىيەتلەرنى قوللىغانلىقى ھەمدە ئاكتىپ قاتناشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ”ئىككى تەرەپ يىللاردىن بۇيان ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق ئىسلام مەدەنىيىتى، مائارىپ، ئىلمىي مۇھاكىمە، ھالال يېمەكلىكلەر كۆرگەزمىسى ۋە خەلقئارالىق يىغىن قاتارلىقلاردا نەتىجە قازاندى ھەمدە پۇختا ھەمكارلىق ئاساسىنى تىكلىدى. ئىككى تەرەپنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ، يېڭى ھەمكارلىق ساھەلىرىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى، ئىككى تەرەپنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن“.
يىغىن ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ خىزمەت سۆھبىتى ئۆتكۈزدى، سۆھبەت يىغىنىغا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇستافا ياڭ جىبو رىياسەتچىلىك قىلدى. ئىككى تەرەپ «ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى» مەزمۇنىنى چۆرىدىگەن ئاساستا يېڭى مەزمۇنلار ھەققىدە سۆھبەتلىشىپ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ئىككى تەرەپ «ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى» ئاساسىدا ھەمكارلىق ساھەسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇسۇلمانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-رۇسىيە ئىسلام دىنى سەھەسىدىكىلەرنىڭ ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
11-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ جىڭۋېي ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئۇلارغا جۇڭگونىڭ مىللەتلەر، دىن سىياسىتىنى، جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى، جۇڭگودىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەمدە بۈگۈنكى دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارغا ئائىت جىددىي مەسىلىلەر ئۈستىدە شەيخ غەينۇدىن بىلەن پىكىرلەشتى. لاۋىر غەينۇدىن ۋاڭ جىڭۋېيغا رۇسىيە زۇڭتۇڭ ئىشخانىسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سالامىنى يەتكۈزدى ھەمدە بۇ قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشتىكى مەقسىتى ھەمدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن ھەمكارلىشىش داۋامىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى تونۇشتۇردى، رۇسىيەدىكى ئىسلام دىنى تەشكىلاتلىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ رادىكاللىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى قەتئىي مەيدانى ۋە خىزمەت تەجرىبىلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئۆزئارا ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رۇسىيە-جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىدە ياخشى بىر تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتتىكى ئىسلام دىنى سەھەسىدىكىلەرنىڭ ئالاھىدە رولىنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
11-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي سىياسىتى، جۇڭگو-رۇسىيە دىنىي ئالاقە ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قانات يايدۇرغان خىزمەتلەر، رادىكال، ئەسەبىي ئىدىيەلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق تېمىلاردا پىكىر ئالماشتۇردى. ۋاڭ زوئەن مۇنداق دېدى: ”جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئوخشىشىدىغان نۇرغۇن تەرەپلىرى بار، ئىككى تەرەپ نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىككى تەرەپ دىنىي مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قوللاپ، قويۇق ئالاقە باغلاپ، بىر-بىرىدىن ئۆگىنىپ ھەم ئۆرنەك ئېلىپ كەلدى، بولۇپمۇ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى“. ئۇ يەنە ئەسەبىي ئىدىيەلەرگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە شەيخ لاۋىر غەينۇدىن بىلەن پىكىرلەشتى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىنىي رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، دىنىي ساھەدىكى دوستانە ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئەسلىدىكى ھەمكارلىق ئاساسىدا ئالاقە پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ نىشانلىق قانات يايدۇرۇشنى، بىر قىسىم چوڭ تۈرلەردە ھەمكارلىشىشنى ئويلىشىپ بېقىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شەيخ لاۋىر غەينۇدىن مۇنداق دېدى: ”نۆۋەتتە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ’بىر بەلباغ بىر يول‘ قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. رۇسىيە، جۇڭگو، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت، شەرقىي ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىنىدىكى ھەنەفىي مەزھىپىگە تەۋە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ’بىر بەلباغ بىر يول‘ قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا رۇسىيە، جۇڭگو ئىككى تەرەپ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرمۇ يېڭى يىپەك يولى بەلبېغى قۇرۇپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش مېخانىزمنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاشقۇن ئىدىيەلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە ئۇنىڭ تەسىرىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، رايون بىخەتەرلىكى ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئارقىلىق بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينىشىمىز ۋە پائال تۆھپە قوشۇشىمىز لازىم“.
ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە جۇڭگودىكى زىيارىتى داۋامىدا جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى، بېيجىڭ نيۇجې مەسچىتى ۋە بېيجىڭنىڭ جەنۇبىدىكى دوديەن بازىرىنى زىيارەت قىلدى، ئىنستىتۇتتىكى ئۇستاز-تالىپلار، مەسچىتتىكى ئىماملار، مەسچىت باشقۇرۇش ھەيئىتى مەسئۇللىرى ۋە جامائەت بىلەن سۆھبەتلەشتى.
رۇسىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى پاشىكوف، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ما جىن، تاشقى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شياۋ خۇڭ قاتارلىقلار ئۆمەكنىڭ زىيارەتلىرىگە ھەمراھ بولدى.
(ئابدۇلھېكىم ما جې خەۋىرى، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەرجىمە تەھرىرى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر