باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىتالىيە دىن ۋە تىنچلىق تەشكىلاتى ۋەكىللىرى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-11-30   
2015-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىتالىيە دىن ۋە تىنچلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى لۇيىچ سەرۋىيا باشچىلىقىدىكى ئىتالىيە دىن ۋە تىنچلىق تەشكىلاتى ۋەكىللىرى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى ھەمدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېن، مۇئاۋىن رەئىسى مۇستافا ياڭ جىبونىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشتى، ئىككى تەرەپ دوستانە سۆھبەتلەشتى.
مۇئاۋىن رەئىس بەدرىدىن گو چېڭجېن رەئىس ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇنغا ۋاكالىتەن ۋەكىللەرنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە مېھمانلارغا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ تارىخى ۋە خىزمەت رولىنى، جۇڭگودىكى ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرى ۋە مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ ئىجتىمائىي، دىنىي، تۇرمۇش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش جەريانىدىكى خىزمەت ۋە تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇردى.
باش كاتىپ لۇيىچ سەرۋىيا ئىتالىيە ۋە ياۋروپانىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى، شۇنداقلا ئىتالىيە دىن ۋە تىنچلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ جەمئىيەتكە ئارىلىشىپ ياشىشىغا ياردەم قىلىش جەريانىدىكى خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇردى. دۇنيادىكى ھەرقايسى چوڭ دىنلارنىڭ مۇقەددەس كىتابلارنى توغرا چۈشەندۈرۈپ، دىنىي ھەقىقەت ۋە توغرا تەربىيە ئارقىلىق ئاشقۇن ئىدىيەلەرنىڭ تەسىرىنى چەكلەپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىتالىيە دىن ۋە تىنچلىق تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش جۇڭگو دىن ۋە تىنچلىق كومىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن زىيارەتكە كەلگەنىدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى خەلقئارا بۆلۈم باشلىقى مۇسا چېن يۈلوڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش جۇڭگو دىن ۋە تىنچلىق كومىتېتىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى گاۋ يې قاتارلىقلار كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى. (ئابدۇلھېكىم ما جې خەۋىرى، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەرجىمە تەھرىرى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر