باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ياش دىنىي زاتلار ۋەكىللىرى گۇاڭدوڭنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-11-30   
2015- يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى، مەركەز 2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى خىزمەت يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى 12-نۆۋەتلىك ھەيئەت ئەزالىرى يىغىنى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، شىنجاڭدىكى ياش دىنىي زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھەيئەت ئەزالىرى ۋە ۋەتەنپەرۋەر ياشلاردىن تەشكىللەنگەن 30 دىن كۆپ ۋەكىل گۇاڭدۇڭنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ گۇاڭجۇ خۇەيشېڭ مەسچىتى، شيەنشەن مەسچىتىنى زىيارەت قىلدى ھەمدە شيەنشەن مەسچىتىدىكىلەر بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ ۋېنجې ئاخۇن ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىدىكىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئىسلام دىنىنىڭ گۇاڭدۇڭدىكى تەرەققىيات تارىخىنى، ئۆلكە تەۋەسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۆمەكتىكى ۋەكىللەر گۇاڭدۇڭدىكى زىيارەت ۋە ئۆگىنىش داۋامىدا يېڭى بىلىملەرگە ئېرىشكەنلىكىنى، نەزەر دائىرىسىنىڭ كېڭەيگەنلىكىنى، شىنجاڭغا قايتقاندىن كېيىن، بۇ يەردە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ، شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
(پېڭ لىڭلىڭ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى؛ تەرجىمە تەھرىرى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر