باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەرەب دۆلەتلىرى ئاتاقلىق دىنىي زاتلار ۋەكىللەر ئۆمىكى تەكلىپكە بىنائەن جۇڭگونى زىيارەت قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-11-17   
”بىر بەلباغ بىر يول“ ئىستراتېگىيەلىك پىلانىغا ماسلىشىش ئۈچۈن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن ھەمكارلىشىپ، مىسىر ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئالى دەۋەت كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى شەيخ مۇھەممەد بەدرى باشچىلىقىدىكى مىسىر، ئىيوردانىيە، لىۋان، ئىراق، كۇۋەيت قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئاتاقلىق دىنىي زاتلاردىن تەشكىللەنگەن سەككىز كىشىلىك ئۆمەكنى 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. ۋەكىللەر ئۆمىكى زىيارەتتە بولغان مەزگىلىدە بېيجىڭ، نىڭشيا، گۇاڭدۇڭلارنى زىيارەت قىلدى.
11-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭ ياڭفاڭ دادۇ مېھمانخانىسىدا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېن بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ دوستانە، قىزغىن سۆھبەتلەشتى. بەدرىددىن گو چېڭجېن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىددىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇنغا ۋاكالىتەن ۋەكىللەرنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئۇلارغا جۇڭگودىكى ئىسلام دىنى، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ خىزمەت فۇنكسىيەسى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇردى. سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان ”بىر بەلباغ بىر يول“ قۇرۇلۇشىغا خىزمەت قىلىش مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە يىغىنغا قاتناشقان جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ئالىم-مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان ”بىر بەلباغ بىر يول“ ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى چۆرىدىگەن ئاساستا قىزغىن ۋە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ”بىر بەلباغ بىر يول“ ئىستراتېگىيەلىك پىلانى ۋەكىللەر ئۆمىكى باشلىقى ۋە ھەرقايسى دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. ئۇلار جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ”بىر بەلباغ بىر يول“ قۇرۇلۇشىدىكى ئۆزئارا ئالاقىنى يېقىندىن قوللاپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەزكۇر ئىستراتېگىيەلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئاكتىپ تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
11-ئاينىڭ 2-كۈنى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنى زىيارەت قىلىپ، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ جيەنيۇڭنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشتى. ئىككى تەرەپ جۇڭگونىڭ دىنىي سىياسىتى، دىنلار تەرەققىياتى ئەھۋالى، دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش، ئەسەبىيلىك ۋە زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق تېمىلاردا پىكىر ئالماشتۇردى.
نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى، گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا ۋەكىللەر ئۆمىكى نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ما لى، نىڭشيا ۋە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك مىللەت-دىن ئىشلىرى كومىتېتى ۋە ئىسلام جەمئىيەتلىرى مەسئۇللىرىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا سازاۋەر بولدى، ۋەكىللەر نىڭشيا ئىسلام ئىنستىتۇتى، جايلاردىكى داڭلىق مەسچىتلەر ۋە ئىسلام مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى زىيارەت قىلىش بىلەن بىرگە، مەسچىت ئىماملىرى ۋە مۇسۇلمانلار ئاممىسى بىلەن ئەھۋاللاشتى. گۇاڭجۇ شيەنشەن جامەسىدە زىيارەتتە بولغاندا جامائەت بىلەن بىرلىكتە جۈمە نامىزى ئوقۇدى، جۈمەدىن كېيىن گۇاڭجۇدىكى ئەرەب مۇھاجىرلىرى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ زىيارىتى جەريانىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاسىيا، ئافرىقا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شياۋ جۈنجېڭ، دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى يۈسۈف ما جىن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىبراھىم خۇڭ چاڭيۇ، مۇستافا ياڭ جىبو ۋە جايلاردىكى مىللەت-دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ، ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ئۆز جايلىرىدا مېھمانلارغا ھەمراھ بولدى.
11-ئاينىڭ 8-كۈنى ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى، ئۆمەك باشلىقى، مىسىر ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئالى دەۋەت كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى شەيخ مۇھەممەد بەدرى مەركىزىي خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئەرەبچە قانىلىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتناشتى، ئۇندىن باشقا يەنە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تور-ئۇچۇر ئىشخانىسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
(ئابدۇلھېكىم ما جې، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد خەۋىرى)
يەنە >>سۈرەتلەر