باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسى”بىر بەلباغ بىر يول“ قۇرۇلۇشىغا خىزمەت قىلىش مۇھاكىمە يىغىنى يېپىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-11-11   
2015-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسى ”بىر بەلباغ بىر يول“ قۇرۇلۇشىغا خىزمەت قىلىش مۇھاكىمە يىغىنى بىر يېرىم كۈنلۈك مۇھاكىمىدىن كېيىن بېيجىڭدا ئوڭۇشلۇق يېپىلدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېن خۇلاسە سۆزى قىلدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى قوشۇمچە ئىسلام تەتقىقاتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئامۇر جاڭ گۇاڭلىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بەدرىددىن گو چېڭجېن مۇنداق دېدى: مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى بۇ قېتىملىق يىغىننى كۈچلۈك قوللىدى. دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جيەنيۇڭ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلىپ، جۇڭگو ئىسلام دىنى، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ”بىر بەلباغ بىر يول“ قۇرۇلۇشى بىلەن بولغان زىچ مۇناسىۋىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ”بىر بەلباغ بىر يول“ قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشى توغرۇلۇق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلام دىنى خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ھەمدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ خىزمىتىگە بولغان غەمخورلۇقىنى ئىپادىلىدى. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ”يىغىندا كۆپچىلىك جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ نۆۋەتتە ’بىر بەلباغ بىر يول‘ قۇرۇلۇشىغا قانداق مۇلازىمەت قىلىپ دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە تۆھپە قوشۇش ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ’بىر بەلباغ بىر يول‘ قۇرۇلۇشىدىكى ئورنى ۋە رولى، پۇرسەت ۋە خىرىسلار ھەققىدە كۆپ تەرەپلىمە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى؛ جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى مۇۋەپپەقىيەت تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇردى، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ’بىر بەلباغ بىر يول‘ قۇرۇلۇشىدىكى ئالاھىدە ئورنىنى تەھلىل قىلىپ، مەسئۇلىيەت، پاراسەت ۋە ئىنتىلىش خاراكتېرلىك ئېسىل پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى“. ئۇ جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر بىلەن جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىر تەرەپتىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە، بىر تەرەپتىن ئۆزىگە تايىنىپ، تىرىشىپ ئىگىلىك تىكلەپ، بۇ تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ”بىر بەلباغ بىر يول“ قۇرۇلۇشى داۋامىدا دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىجابىي ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىپ، ئىجابىي كۈچ يېتىلدۈرۈپ، جۇڭگودىكى ئىسلام دىنى بىلەن سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋىلاشقان جۇڭگو ئىسلام دىنىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك ئاتلىنىپ، جۇڭگودىكى ئىسلام دىنى ساھەسى ۋە مۇسۇلمان ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە ئاكتىپ ئاتلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىنغا جەمئىي 24 ماقالە قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، 20 دىن كۆپ ئالىم-مۇتەخەسسىس ۋە كارخانىچىلار باش تېمىنى چۆرىدىگەن ئاساستا نۇتۇق سۆزلىدى. كۆپچىلىك بىردەك ھالدا مۇنداق دەپ قارىدى: ”بىر بەلباغ بىر يول“ قۇرۇلۇشى ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تېما، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى يولىدىكى پۇرسەت ۋە خىرىس، شۇنداقلا جۇڭگودىكى ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى داۋامىدىكى پۇرسەت ۋە خىرىستۇر. ”بىر بەلباغ بىر يول“ قۇرۇلۇشى سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشەنچ، تاشقى سودا ئالاقىسى، مەدەنىيەتلەر ئۇچرىشىشى قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر ۋە جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ئىسلام دىنىنىڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت قاتلىمىنى قېزىپ چىقىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش جەھەتتىكى رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇپ، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ”بىر بەلباغ بىر يول“ قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.
11-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تەكلىپكە بىنائەن جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ئەرەب ئەللىرى مەشھۇر دىنىي زاتلار ۋەكىللىرى ئۆمىكىدىكى ئالىملارمۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇلار ئاكتىپ پىكىر بايان قىلىپ، دۆلىتىمىز تەشەببۇس قىلىۋاتقان ”بىر بەلباغ بىر يول“ قۇرۇلۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ بۇ لىنىيەگە جايلاشقان ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى؛ ئىسلام دىنىنىڭ «ۋەتەننى سۆيۈش ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر» دېگەن قاراشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇشۇ زېمىندا تۇغۇلۇپ، مۇشۇ زېمىندا يىلتىز تارتىپ ئۆسكەنلىكىنى، شۇڭا ئۆز ۋەتىنىنىڭ ”بىر بەلباغ بىر يول“ قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىش بۇرچى بارلىقىنى تەكىتلەشتى.
 (رامىزان مىن جۈنچىڭ، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد خەۋىرى)
يەنە >>سۈرەتلەر