باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

”ئىسلام دىنى ۋە جۇڭگو جەمئىيىتى“ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-11-11   
2015-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە، ”ئىسلام دىنى ۋە جۇڭگو جەمئىيىتى“ مەملىكەتلىك ئىسلام مۇھاكىمە يىغىنى بېيجىڭ نىڭشيا مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا دىنلىرى تەتقىقات ئورنى، جۇڭگو دىنلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان، دۇنيا دىنلىرى تەتقىقات ئورنى ئىسلام تەتقىقاتى ئىشخانىسى كونكرېت ئىشلارغا مەسئۇل بولغان بۇ يىغىنغا مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 120 دىن كۆپ ئالىم-مۇتەخەسسىسلەر قاتناشتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 9-، 10-نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ جيالۇ ئەپەندى بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى.
10-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا دىنلىرى تەتقىقات ئورنى پارتكوم شۇجىسى، جۇڭگو دىنلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى ساۋ جۇڭجيەن يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاكادېمىكلار بۆلۈمى ئەزاسى، دۇنيا دىنلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو دىنلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى تەتقىقاتچى جو شىنپىڭ يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلىدى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن باش تېمىغا مۇناسىۋەتلىك نۇتۇق سۆزلەش باشلاندى. ئاۋۋال مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى شۈ جيالۇ «ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن دىئالوگلىشىش ۋاقتى كەلدى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن،  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاكادېمىكلار بۆلۈمى پەخرىي ئەزاسى، دۇنيا دىنلىرى تەتقىقات ئورنى تەتقىقاتچىسى جىن يىجۇ «جۇڭگودىكى ئىسلام دىنى ئىدىيە سىستېمىسى» دېگەن تېمىدا سۆزلىدى، ئارقىدىن جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاكادېمىكلار بۆلۈمى پەخرىي ئەزاسى، دۇنيا دىنلىرى تەتقىقات ئورنى تەتقىقاتچىسى  ۋۇ يۈنگۇي «ئىسلام دىنى بىلەن جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئاساسلىق مۇناسىۋىتى ھەققىدە قىسقىچە مۇھاكىمە» دېگەن تېمىدا سۆزلىدى. ئەڭ ئاخىرىدا، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېن «جۇڭگودىكى ئىسلام دىنى دۇچ كەلگەن خىرىس ۋە پۇرسەتلەر» دېگەن تېمىدا سۆزلىدى.
يىغىن ئەھلى ئىسلام دىنى ۋە يەرلىكلىشىش، ئىسلام دىنى ۋە تاشقى ئالاقە، ئىسلام دىنى ۋە ھازىرقى جۇڭگو جەمئىيىتى، ئىسلام دىنى ۋە جۇڭگونىڭ يەرلىك جەمئىيىتى، ئىسلام دىنى ۋە يۇرت بىلىملىرى، ئىسلام دىنى ۋە جۇڭگو مەدەنىيىتى، شۇنداقلا ئىسلام ئىدىيەسى ۋە مەدەنىيىتى قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ، جەمئىي توققۇز مەيدان نۇتۇق ۋە مۇھاكىمىنى قانات يايدۇردى، ھەر مەيداندىكى نۇتۇق، مۇھاكىمىدىن تارتىپ رىياسەتچىلىك ۋە پىكىر-باھالار ناھايىتى تەرتىپلىك، مول ۋە رەڭدار بولدى.
10-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى شۈ جيالۇ مۇراسىمغا قاتناشتى. يىغىندىن كېيىن ۋەكىللەر بۇ قېتىملىق يىغىن ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، مەزمۇنى مول، نۇتۇقلار ئېسىل بولۇپلا قالماي، دائىرىسى كەڭ، ئۆلچىمى يۇقىرى، ئىسلام تەتقىقاتى ساھەسىدە ناھايىتى چوڭ، كاتتا ئىش بولدى، دېيىشتى. بولۇپمۇ بۇ يىغىن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كېيىن غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە-رايوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام تەتقىقاتى ساھەسىدە يېڭى بىر سەھىپە ئاچتى ھەمدە تارىخىي نەمۇنە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى.
(لى لىن، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد خەۋىرى)
يەنە >>سۈرەتلەر