باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ”بىر بەلباغ بىر يول“ قۇرۇلۇشىغا خىزمەت قىلىش مۇھاكىمە يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-11-05   
2015-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان ”جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ’بىر بەلباغ بىر يول‘ قۇرۇلۇشىغا خىزمەت قىلىش مۇھاكىمە يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جيەنيۇڭ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېن، مىسىر ئەزھەر ئالىي دەۋەت كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى شېرىپ مۇھەممەت بەدرى يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىبراھىم خۇڭ چاڭيو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ما جىن، مۇئاۋىن باشلىقى كۇاڭ شېڭ، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى 2-ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى لى دەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇستافا ياڭ جىبو، ئوسمان ۋاڭ شۇلى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىسلام دىنى ۋە ”بىر بەلباغ بىر يول“ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالىم-مۇتەخەسسىسلىرى، دۆلىتىمىزنىڭ ”بىر بەلباغ بىر يول“ لىنىيەسىگە جايلاشقان مۇھىم ئۆلكە، شەھەرلەردىكى مۇسۇلمان كارخانىچىلار، ”بىر بەلباغ بىر يول“غا مۇناسىۋەتلىك ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەرەب ئەللىرى مەشھۇر دىنىي زاتلار ۋەكىللىرى ئۆمىكىدىكىلەر بولۇپ، 60 قا يېقىن كىشى بۇ يىغىنغا قاتناشتى.
جاڭ جيەنيۇڭ يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ”يىپەك يولى ئىقتىساد ئۆزئارا يۈرۈشىدىغان سودا يولى، مەدەنىي ئالاقە ئېلىپ بېرىلىدىغان مەدەنىيەت يولى، شۇنداقلا دىنلار تارقىلىدىغان ئېتىقاد يولىدۇر. قەدىمكى يىپەك يولى ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرۇپ، ئوخشىمىغان دىنلار ئارىسىدىكى دىيالوگ ۋە يۇغۇرۇلۇشنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولۇپ، بۇ دىنلاردىكى ئىدىيەۋى يېڭىلىق ۋە تارىخىي تەرەققىياتلارنى سىلجىتىپ، ئوخشىمىغان ئەقىل-پاراسەت ۋە نەتىجىلەرنى مۇجەسسەملىگەندۇر“. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ”بىرىنچىدىن، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى قوزغىتىپ ھەمدە مەركەزلەشتۈرۈپ، ’بىر بەلباغ بىر يول‘ قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ ئاتلىنىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكتىن ئىبارەت توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك جەمئىيەت بىلەن ماسلىشىش يولىغا مېڭىشى كېرەك. جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىسلام ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ ھەمدە جانلاندۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ جۇڭگودا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىپ تەرەققىي قىلىپ كەلگەنلىكىگە ئائىت ياخشى ھېكايىلەرنى سۆزلەش، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىسلام دىنىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئاكتىپ ماسلىشىپ كەلگەنلىكىگە ئائىت ئېسىل ناخشىلارنى ئېيتىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، دىيالوگ ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن ئىسلام مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى دىن مەدەنىيىتى دىيالوگ سەھنىسى ھازىرلاش ئۈچۈن سەپەرۋەرلىككە كېلىشى، چەت ئەلگە چىقىش، چەت ئەلدىن تەكلىپ قىلىش، سۆھبەت زىيارىتى، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈش، مەدەنىيەت كۆرگەزمە پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن ئىسلام مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە دىيالوگ مېخانىزمىنى تۈرلۈك يوللار، كۆپ خىل قاتلام ۋە يۆنىلىشلەر بويىچە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك؛ ’بىر بەلباغ بىر يول‘ لىنىيەسىگە جايلاشقان دۆلەت ۋە رايونلاردىكى ئىسلام تەشكىلاتلىرى، ئىسلام دىنى زاتلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تاشقى ئەھۋالنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن چۈشىنىش بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ جەزبىدارلىق كۈچى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تونۇشتۇرۇشى كېرەك؛ دىنىي ئىدىيە قۇرۇلۇشى، دىنىي خادىملارنى تەربىيەلەش، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، ئېتىقادچى ئاممىنى تەربىيە ئارقىلىق يېتەكلەش قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تەجرىبىلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، دىندا ئوتتۇرھال يول تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىنىي زاتلار بىلەن ئېتىقادچى ئاممىنىڭ ئىجابىي روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇسۇلمان ئاممىنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات، جەمئىيەت ئىناقلىقى، مەدەنىيەت گۈللىنىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىدىن ئىبارەت ئىجابىي ئىشلارغا ئاكتىپ قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، ’بىر بەلباغ بىر يول‘ قۇرۇلۇشى پىلانىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى سەرپ قىلىشى كېرەك“.
مۇئاۋىن رەئىس بەدرىددىن گو چېڭجېن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ”ئىسلام دىنى دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق يىپەك يولى ئارقىلىق جۇڭگوغا كىرگەن، ’بىر بەلباغ بىر يول‘دا كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلەتلەر بار، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارمۇ يىپەك يولى ئۈستىدە. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى بىلەن گەنسۇ، چىڭخەيدە 16 مىليون ئەتراپىدا مۇسۇلمان بار. شۇڭا جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر ’بىر بەلباغ بىر يول‘ قۇرۇلۇشىغا قانداق خىزمەت قىلىشى كېرەك، دېگەن مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىش ناھايىتى مۇھىم، ئۇنىڭ رېئال ئەھمىيىتىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ. جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسى ۋە مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ’بىر بەلباغ بىر يول‘ قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش ئىشلىرىدا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان تارىخىي مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپىسى بار. بىز جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى بىلەن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ تەبىئىي يېقىنلىق مۇناسىۋىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، بۇ خىزمەتتە كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رول ئويناپ، ’قەلبلەر بىر تۇتاش‘ نۇقتىسىنى چىقىش قىلىپ، ’بىر بەلباغ بىر يول‘ قۇرۇلۇشىنىڭ راۋانلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز، بۇ تارىخىي ۋەزىپىنى شەرەپ بىلەن ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. دۆلىتىمىز ’بىر بەلباغ بىر يول‘ قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىشتا ھەمكارلىق ۋە ئورتاق مەنپەئەت ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلماقتا. شۇڭا جەمئىيىتىمىزمۇ ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىق، ھەمكارلىق، باراۋەرلىك، ئادىللىق، قوشنىلىرى بىلەن ئىناق ئۆتۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، بار-يوقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئۆزئارا ياردەملىشىش ئىدىيەسىنى ياخشى تەشۋىق قىلىشى، مەسئۇلىيەت بىلەن مەنپەئەتكە تەڭ كۆڭۈل بۆلۈش، مەسئۇلىيەتنى ئالدىغا قويۇش، ھەر ئىشتا يىراقنى كۆزلەش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەتىجە يارىتىشنى تەكىتلىشى كېرەك“. بەدرىددىن گو چېڭجېن بۇ قېتىمقى يىغىن ئارقىلىق تىنچلىق، ھەمكارلىق، ئورتاق مەنپەئەت ئىدىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ھەمدە جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ”بىر بەلباغ بىر يول“ قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شېرىپ مۇھەممەد بەدرى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ”جۇڭگو ئۇزاق تارىخ ۋە پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە بىر دۆلەت. قەدىمكى يىپەك يولى جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرىدىغان مۇھىم يولى. جۇڭگونىڭ ’بىر بەلباغ بىر يول‘ قۇرۇلۇشىنى تەشەببۇس قىلىشى جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ھەمدە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىندا ئوتتۇرھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دوستلۇقنى تەشۋىق قىلىپ، ’بىر بەلباغ بىر يول‘ قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن“.
(رامىزان مىن جۈنچىڭ، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد خەۋىرى)
يەنە >>سۈرەتلەر