باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنجاڭ دىنىي زاتلار تەربىيەلەش سىنىپى كۇرسانتلىرى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-10-22   
2015-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيۇشتۇرغان شىنجاڭ دىنىي زاتلار تەربىيەلەش سىنىپىدىكى 65 كۇرسانت جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى ھەمدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇستافا ياڭ جىبو، مۇئاۋىن باش كاتىپى ھاجى بارات رەجەپنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشتى.
كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇئاۋىن رەئىس مۇستافا ياڭ جىبو ئالدى بىلەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن كۇرسانتلارنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاندىن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى، خىزمەت نىشانى، فۇنكسىيەلىك رولى، كونكرېت خىزمەتلىرىنى، شۇنداقلا جۇڭگو ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالى ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى تونۇشتۇردى. كۆپچىلىكنىڭ بۇ ئۆگىنىش پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بىلىمىنى ئاشۇرۇپ، ”ۋەتەننى سۆيۈش ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر“ ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، شەرىئەتنى ياخشى چۈشەندۈرۈپ، ۋەز-تەبلىغنى ياخشى سۆزلەپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، رادىكاللىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى ئىلگىرىلەش نۇقتىسى قىلىپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھاجى بارات رەجەپ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى، جۇڭگو ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇرچە تور قۇرۇلۇشى ئەھۋالى، ئۇيغۇرچە دىنىي كىتابلارنى نەشر قىلىش ئەھۋالى قاتارلىق ئەھۋاللاردىن مەلۇمات بەردى. ئاخىرىدا دىنىي زاتلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.
(ئەبۇبەكىر ما ۋېيۋېي، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد خەۋىرى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر