باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز مۇسۇلمانلىرى 2015-يىللىق ھەج تاۋاپ پائالىيىتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-10-21   
2015-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ھاجىلارنى توشۇش ئۈچۈن ھۆددىگە ئالغان دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى بېيجىڭ پايتەخت ئايروپورتىغا قوندى. دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جيەنيۇڭ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇستافا ياڭ جىبو قاتارلىقلار ئايروپورتقا چىقىپ ھاجىلارنى كۈتۈۋالدى ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەج پائالىيىتىنىڭ تولۇق تاماملىغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
10-ئاينىڭ 17-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم ئۆمەك باشلىقى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ما جىن مەسلىھەتچى بولغان 2015-يىللىق جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىدىكى بارلىق خىزمەتچى خادىملار، يەرلىك ئۆمەكتىن ئالدىن ئەۋەتىلگەن بىر قىسىم يېتەكچى خادىملار ۋە ئاشپەزلەر ھەج خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، ۋەتەنگە سالامەت قايتىپ كەلدى. شۇنداق قىلىپ، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ 2015-يىللىق ھەج تاۋاپ پائالىيىتى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇستافا ياڭ جىبو، مۇئاۋىن باش كاتىپى ئامۇر جاڭ گۇاڭلىن، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى گې قاتارلىقلار ئايروپورتقا چىقىپ ئۇلارنى كۈتۈۋالدى ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەج خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە ئەمگىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
بۇ يىل دۆلىتىمىزدىن ھەج قىلغۇچىلار جەمئىي 14مىڭ 528 كىشى بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى، شەرق ئاۋىياتسىيەسىگە تەۋە 47 ئايروپىلانغا ئولتۇردى. 47 ئايروپىلان 8-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ئۇچتى، 47 ئايروپىلان 9-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە قايتىش سەپىرىگە ئۇچۇپ، جەمئىي بېرىش-كېلىشكە 94 قېتىم ئايروپىلان ئۇچتى.
(بۇرھانىدىن چاڭ چىڭلياڭ، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد خەۋىرى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر