باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

2015-يىللىق مەملىكەتلىك ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ياش، ئوتتۇرا ياش ۋەكىللەر مۇھاكىمە سىنىپى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-10-21   
2015-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان مەملىكەتلىك ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ياش، ئوتتۇرا ياش ۋەكىللەر مۇھاكىمە سىنىپىدىكى 38 كۇرسانت جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى ھەمدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېن ۋە مۇئاۋىن باش كاتىپ ھاجى بارات رەجەپنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشتى.
كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇئاۋىن رەئىس گو چېڭجېن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن كۆپچىلىكنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالىنى، جۇڭگو ئىسلام تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى. شۇنداقلا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ھەج تاۋاپ خىزمىتى، شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتى، تور قۇرۇلۇشى، دىنىي ئىشلار، ژۇرنال ۋە نەشر بۇيۇملىرىنى تۈزۈپ تارقىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق تونۇشتۇردى. كۇرسانتلار ۋەكىلى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئەنخۇي ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سىددىق مۇ كېفا بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە سىنىپىنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى، باشقا كۇرسانتلارمۇ ئۆز جايلىرىدىكى دىنىي خىزمەت ئەھۋالى توغرۇلۇق پىكىر ئالماشتۇردى. كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن ئىلگىرى كۇرسانتلار جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ كۆرگەزمىخانىسىنى زىيارەت قىلىپ، جۇڭگو ئىسلام دىنىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئەتراپلىق چۈشەندى.
مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى 2-ئىدارىسى 2-باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى دەن بۇ يىغىنغا قاتناشتى.
(ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد خەۋىرى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر