باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بېيجىڭدا 2015-يىللىق قۇربان ھېيتلىق زىياپەت بەردى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-23   
2015-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بېيجىڭدىكى شىنجاڭ مېھمانسارىيىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولغان قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيوروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيورۇسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۈن چۈنلەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جىڭۋېي، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ما بياۋ قاتارلىق مەركەز رەھبەرلىرى زىياپەتكە قاتناشتى ھەمدە جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى.
زىياپەتكە تەكلىپ بىلەن يەنە مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يىجيوڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جاڭ چيۇجيەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۈن دافا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شاۋ مىن، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ مىڭ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دىن تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى جو شىنپىڭ، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ شىنخۇا، بېيجىڭ مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چى ۋېيشېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.
ئەرەب ئەللىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ئوماننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئابدۇللا سائاد ۋە 40 نەچچە ئەرەب-ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، بېيجىڭدىكى چەت ئەللىك مۇسۇلمانلار ۋەكىللىرى، شۇنداقلا مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ رەھبەرلىرى، شىنجاڭ ۋە نىڭشيانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە ھەر ساھە مۇسۇلمان ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 300 دىن ئارتۇق كىشى زىياپەتكە قاتناشتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىددىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن تەبرىك سۆزى سۆزلىدى؛ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېن كۈتۈۋېلىش زىياپىتىگە رىياسەتچىلىك قىلدى.
رەئىس ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن ئۆز سۆزىدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە ھېيتلىق سالام يوللىدى، ئارقىدىن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ بۇ يىلقى مۇھىم خىزمەتلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلام دىنى خىزمەتلىرىگە كۆرسەتكەن غەمخورلۇقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: جەمئىيىتىمىز شىنجاڭدا ”ئوتتۇرھال يول تۇتۇش، ئىناقلىق، جۇڭگو ئارزۇسى“نى تېما قىلغان مەملىكەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى ۋە قۇرئان تىلاۋەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ، دىنىي زاتلار ۋە ئېتىقادچى ئاممىنى توغرا يولغا يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. جەمئىيىتىمىز يەنە ئۆز تور بېكىتىنىڭ يانفون نۇسخىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۈندىدار سۇپىسىنى ئاچتى؛ «قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردىن تاللانما» ناملىق كىتابنى نەشر قىلدۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي روھىنى تەشۋىق قىلدى؛ ”خەيرلىك رامىزان“ پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بارلاردىن ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا پۇل ئىئانە قىلدى، شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ئىسلام جەمئىيەتلىرىگە خىزمەت ماشىنىسى ئىئانە قىلدى؛ بۇ يىل جەمئىيىتىمىز دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىدىن 14مىڭ 500 ھەج قىلغۇچىنى تەشكىللەپ مۇقەددەس جاي مەككىگە ئاپاردى، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بۇ يىل ياپونغا قارشى ئۇرۇش ۋە دۇنيا فاشىزىمىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلبە قىلغانلىقىنىڭ 70-يىلى. ئىسلام دىنىمىز ۋەتەننى سۆيىدىغان، تىنچلىقنى سۆيىدىغان دىن. جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىمۇ ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن قان تۆكۈپ جەڭ قىلغان ھەم قۇربان بەرگەن. بۈگۈن بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز. ئاخىرىدا، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللىنىشىنى، ئىنسانلارنىڭ ئىناق ياشىشىنى، دۇنيانىڭ تىنچ بولۇشىنى تىلەيمەن. ئاللاھ بىزگە ياردەمچى بولغاي، ئامىن!
زىياپەت باشتىن-ئاخىر ئىناق، ئازادە، خۇشال كەيپىياتتا ئۆتتى.
(يۈسۈف جەۋۋاد ما لىچياڭ، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد خەۋىرى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر