باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

قۇربان ھېيتلىق تەبرىك سۆزى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-23   
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىددىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن
 
ئەزىز مۇسۇلمان قېرىنداشلار، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئەلھەمدۇلىللاھ! بۇ ئىللىق، گۈزەل كۈز پەسلىدە بىز 2015-يىللىق(ھىجرىيە 1436-يىللىق) قۇربان ھېيتىنى كۈتۈۋالماقتىمىز. مەن ئالدى بىلەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن دۆلىتىمىزدىكى ۋە دۇنيادىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا ھېيتلىق سالام يوللايمەن ۋە ئالىي تىلەكلىرىمنى بىلدۈرىمەن!
بۇ يىل ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر ساھە، ھەر كەسىپ ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتلىرىدىمۇ ئىلگىرىلەش بولدى. جەمئىيىتىمىز شىنجاڭدا ”ئوتتۇرھال يول، ئىناقلىق، جۇڭگو ئارزۇسى“نى تېما قىلغان مەملىكەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى ۋە قۇرئان تىلاۋەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرھال بولۇش ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ، دىنىي زاتلار ۋە ئېتىقادچى ئاممىنى توغرا يولغا يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. جەمئىيىتىمىز يەنە ئۆز تور بېكىتىنىڭ يانفون نۇسخىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۈندىدار سۇپىسىنى ئاچتى؛ «قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردىن تاللانما» ناملىق كىتابنى نەشر قىلدۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي روھىنى تەشۋىق قىلدى؛ ”خەيرلىك رامىزان“ پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بارلاردىن ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا پۇل ئىئانە قىلدى، شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ئىسلام جەمئىيەتلىرىگە خىزمەت ماشىنىسى ئىئانە قىلدى؛ بۇ يىل جەمئىيىتىمىز دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىدىن 14مىڭ 500 ھەج قىلغۇچىنى تەشكىللەپ مۇقەددەس جاي مەككەگە ئاپاردى، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. بۇ خۇشاللىق پەيتتە، ئۇلارنىڭ ھەج پەرزىنى ئوڭۇشلۇق ئادا قىلىشىنى ئاللاھتىن تىلەيمىز. مۇشۇ پۇرسەتتە مەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلام دۇنياسى ۋە مۇسۇلمان خەلققە كۆرسەتكەن غەمخورلۇقىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگىنىگە، قوللاپ-قۇۋۋەتلىگىنىگە، يېتەكلىگىنىگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن! ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر، يەرلىك ئىسلام جەمئىيەتلىرى ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ جەمئىيىتىمىز خىزمىتىنى قوللاپ بەرگىنىگە، ئىشلىرىمىزغا ماسلىشىپ، ياردەملىشىپ بەرگىنىگە چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن.
بۇ يىل ياپونغا قارشى ئۇرۇش ۋە دۇنيا فاشىزىمىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلبە قىلغانلىقىنىڭ 70-يىلى. ئىسلام دىنىمىز ۋەتەننى سۆيىدىغان، تىنچلىقنى سۆيىدىغان دىن. جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىمۇ ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن قان تۆكۈپ جەڭ قىلغان ھەم قۇربان بەرگەن. بۈگۈن بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز. ئاخىرىدا، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللىنىشىنى، ئىنسانلارنىڭ ئىناق ياشىشىنى، دۇنيانىڭ تىنچ بولۇشىنى تىلەيمەن. ئاللاھ بىزگە ياردەمچى بولغاي، ئامىن!
يەنە >>سۈرەتلەر