باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

چەت ئەللەردىكى شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت مۇھاجىرلار ۋەكىللىرى ئۆمىكى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-21   
2015-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاۋسترالىيە سىدنېي جۇڭگو مۇھاجىرلىرى دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ چەت ئەللەر بىلەن ئالاقە قىلىش جەمئىيىتىنىڭ چەت ئەلدىكى كېڭەش ئەزاسى ئابلىمىت سادىق باشچىلىقىدىكى چەت ئەللەردىكى شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت مۇھاجىرلار ۋەكىللىرى ئۆمىكى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى. 30 كىشىدىن تەركىب تاپقان بۇ ئۆمەك گوۋۇيۈەن مۇھاجىرلار ئىشخانىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن زىيارەتكە كەلگەن بولۇپ، ئەزالىرى ئاساسەن ئاۋسترالىيە، تۈركىيە، پاكىستان، قازاقىستان، كانادا، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق 7 دۆلەتتە ئولتۇراقلىشىپ قالغان شىنجاڭلىق مۇھاجىرلاردىن ئىبارەت.
سۆھبەت يىغىنىدا، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالىنى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش، دىنىي مۇلازىمەت، ھەج تاۋاپ ، كىتاب-ژۇرنال نەشر قىلدۇرۇش، ئۇيغۇرچە ئىسلام تور بېكىتى قۇرۇش خىزمەتلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى. ئۇ ئۆمەك ئەزالىرىنىڭ جۇڭگودىكى سەپىرىدە كۆپرەك جايلارنى كۆرۈپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلىشىنى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ھەمدەم بولىدىغان تەشۋىقاتچىلاردىن بولۇپ، بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قارشى تۇرۇشىنى، چەت ئەلدىكى ئاز سانلىق مىللەت مۇھاجىرلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئۈچۈن پايدىلىق بولغان خەلقئارا مۇھىت يارىتىشىنى ھەمدە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دىنىي خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۆمەكتىكىلەرمۇ  ئۆزى قىزىقىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى رەھبەرلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېن، مۇئاۋىن باش كاتىپى ھاجى بارات رەجەپ، ئابدۇللا جىن رۇبىڭ، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەيسا گاۋ جەنفۇ، ئابدۇۋاھاپ سۇڭ ئېنلىن قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
ئىگىلىنىشىچە، ھازىر چەت ئەلدە شىنجاڭلىق مۇھاجىرلار 1 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، ئاساسەن ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە جەنۇبى ئاسىيا رايونلىرىدا ئولتۇراقلاشقان. شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت مۇھاجىرلىرى چەت ئەلدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى. ئۇلار يەرلىك جەمئىيەت ۋە خەلق بىلەن ئىناق ئۆتۈپ، شۇ يەرنىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئويناپ، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا، ماختىشىغا سازاۋەر بولماقتا. (ھاجى بارات رەجەپ خەۋىرى؛ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد تەرجىمىسى)
يەنە >>سۈرەتلەر