باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنجاڭ دىنىي زاتلار ئېكىسكۇسىيە ئۆمىكى جەمئىيىتىمىزنى زىيارەت قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-16   
2015-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما جاڭشيا باشچىلىقىدىدىكى ئۇيغۇر، خۇيزۇ، قازاق، قىرغىز قاتارلىق 60 نەپەر دىنىي زاتتىن تەشكىل تاپقان دىنىي زاتلار ئېكىسكۇرسىيە ئۆمىكى جەمئىيىتىمىزنى زىيارەت قىلدى. ئۇلار ئالدى بىلەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ كۆرگەزمىخانىنى زىيارەت قىلدى، ئارقىدىن سۆھبەت زالىدا جەمئىيىتىمىز رەھبەرلىرى ئېكىسكۇرسىيە ئۆمىكى بىلەن سەمىمىي سۆھبەت ئۆتكۈزدى. يىغىنىغا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېن، مۇئاۋىن باش كاتىپى ھاجى بارات رەجەپ، ئابدۇللا جىن رۇبىڭ قاتارلىقلار قاتناشتى. سۆھبەت يىغىنىغا ھاجى بارات رەجەپ رىياسەتچىلىك قىلدى، مۇئاۋىن رەئىس بەدرىددىن گو چېڭجېن سۆز قىلدى، ئۇ سۆزىدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە خىزمەت ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە شىنجاڭدىكى دىنىي ۋەزىيەتنى، ئىسلام ئىدىيە تارىخىدىكى تەرەققىيات ۋە ھازىرقى يۈزلىنىشلەرنى، ئۈچ خىل كۈچنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى ۋە كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى، يېڭى دەۋردە مۇسۇلمانلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ساپا ۋە ئىدىيەۋى يېڭىلىقلارنى، شۇنداقلا زىيارەتكە كەلگەن دىنىي زاتلاردىن كۈتىدىغان تەلەپ ۋە ئۈمىدلىرىنى بايان قىلدى. مۇئاۋىن باش كاتىپ ئابدۇللا جىن رۇبىڭ شىنجاڭدا ئېلىپ بارغان شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتى ۋە قولغا كەلتۈرگەن بىر قىسىم نەتىجىلەرنى تونۇشتۇردى. يىغىن ئاخىرىدا ئۆمەك باشلىقى ما جاڭشيا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى رەھبەرلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. (ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد خەۋىرى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر