باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جيەنيۇڭ 2015-يىللىق ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلارنى ئۇزاتتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-07   
2015-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جيەنيۇڭ بېيجىڭ خەلقئارا ئايروپورتىدا 2015-يىل سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بېرىپ ھەج تاۋاپ قىلىدىغان خېنەنلىك مۇسۇلمانلارنى ئۇزاتتى. 
جياڭ جيەنيۇڭ ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلار بىلەن قىزغىن سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق دېدى: ”پارتىيە مەركىزىي كومىتېت، گوۋۇيۈەن مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج خىزمىتىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. ھەج خىزمىتىنى مېخانىزمىنى قۇرۇپ چىقىپ ۋە ياخشىلاپ، ئىش تەقسىماتىنى ئېنىق ئايرىپ، مۇلازىمەت ۋە  ئارقا سەپنى كۈچەيتىپ، ھەق ئېلىشنى ئۆلچەمگە سېلىپ، ھەجگە تەشكىللەش ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى“. بۇ يىلقى ئوتتۇرا شەرق ئارىلاشما نەپەس يولى كېسەللىكىگە قارىتا، ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلارنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىپ، تىنچلىق-ساغلاملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، تەرتىپلىك ۋە مەدەنىي ھەج قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ۋە ئەخلاقى بىلەن ئۇلۇغ ۋەتەن ۋە مۇسۇلمانلار ئوبرازىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ يەنە ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا سالامەت بېرىپ، ھەج پەرزىنى ئوڭۇشلۇق ئادا قىلىشىنى تىلىدى.
2015-يىلى دۆلىتىمىزدىن 14مىڭ 500 ھەج تاۋاپ قىلغۇچى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بېرىپ ھەج تاۋاپ قىلىدۇ. دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى ھەج خىزمىتىگە ئاكتىپ تەييارلىق قىلىپ، ئەستايىدىل پىلانلاپ، خىزمەت ھالقىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ھەجگە تەشكىللەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، بۇ يىلقى ھەج خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.
دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى خېي دېكۈن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېن، مۇئاۋىن رەئىس مۇستافا ياڭ جىبو قاتارلىقلار ئۇزىتىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.(ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد خەۋىرى)
يەنە >>سۈرەتلەر