باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنجاڭ دىنىي زاتلار ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-08-07   
2015-يىل 8-ئاينىڭ 4-كۈنى، مەركەز بىرلىك سەپ بۆلۈمى تەشكىللىگەن 44-قېتىملىق شىنجاڭ دىنىي زاتلار ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى ئازاد ئۆمەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىدىن گو چېڭجېن قاتارلىقلار ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.
ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى50نەپەر 5مىللەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاساسلىق مەسچىتلەرنىڭ ئىمام-خاتىپلىرىدىن تەشكىللەنگەن. ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىدىكىلەر ئاۋۋال جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ كۆرگەزمىخانىسىنى كۆرۈپ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى سۆھبەتتە، مۇئاۋىن رەئىس بەدرىدىن گو چېڭجېن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئەتراپلىق تونۇشتۇردى ھەمدە شىنجاڭدىكى دىنىي زاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭنىڭ دىنىي خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈمىدىنى بىلدۈردى.
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ھاجى بارات رەجەپ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇرچە تور قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئابدۇللا جىن رۇبىڭ شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى ئازاد ئۆمەر، مەركەز بىرلىك سەپ بۆلۈمى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى جاڭ ۋۇجۈن، مەركەز بىرلىك سەپ بۆلۈمى كادىرلار تەربىيەلەش مەركىزى خۇەيرو تارماق بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كەي قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
يەنە >>سۈرەتلەر