باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

2015-يىللىق ھەج- تاۋاپ يېتەكچى خادىملىرى ۋە يېتەكچى دىنىي زاتلار كۇرسى يىنچۈەندە ئۆتكۈزۈلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-08-07   
2015-يىل 8-ئاينىڭ 3-كۈنى 2015-يىللىق ھەج-تاۋاپ يېتەكچى خادىملىرى ۋە يېتەكچى دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەش سىنىپىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى يىنچۈەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جيەنيۇڭ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىدىن گو چېڭجېن سۆز قىلدى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دىڭ كېجيا تەبرىك سۆزى سۆزلىدى. مۇراسىمغا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇستاپا ياڭ جىبو رىياسەتچىلىك قىلدى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ماجىن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم ھەمدە شىنجاڭ، گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي، يۈننەن قاتارلىق 15 ئۆلكە(رايون) ۋە بىرلەشمە ئۆمەكتىن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق ھەج-تاۋاپ يېتەكچى خادىملىرى ۋە يېتەكچى دىنىي زات مۇراسىمغا قاتناشتى.
مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ جيەنيۇڭ دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بۇ يىلقى ھەج-تاۋاپ خىزمىتىگە دائىر تەييارلىق ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، بۇ يىلقى ھەج-تاۋاپ خىزمىتى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلدى ھەمدە ھەج-تاۋاپقا تەشكىللەش ۋە ھاجىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىشلىرىدا يېتەكچى خادىملار ۋە يېتەكچى دىنىي زاتلارغا قويىدىغان كونكرېت تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇئاۋىن رەئىس بەدرىدىن گو چېڭجېن ھەج-تاۋاپقا تەشكىللەش خىزمىتىدە دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ئەھۋاللارنى تەھلىل قىلدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ھەج-تاۋاپقا تەشكىللەش ۋە ھاجىلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنىڭ تەييارلىق ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەمدە يېتەكچى خادىملار ۋە يېتەكچى دىنىي زاتلارغا كونكرېت خىزمەت تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
8-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ما جىن، مۇئاۋىن باشلىقى لى گې، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇستاپا ياڭ جىبو، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىملار تەربىيەلەش سىنىپىغا دەرس ئۆتتى. دەرسنىڭ مەزمۇنى: چەت ئەلدىكى ھەج-تاۋاپ خىزمىتىگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر، ھەج-تاۋاپ يېتەكچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە خىزمەت ئۇسۇلى، ھەجدىكى بىخەتەرلىك خىزمىتى ۋە جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى، ھەج بىلىملىرى ۋە ھەج تەرتىپى قاتارلىقلار.
يەنە >>سۈرەتلەر