باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردۇغان مەملىكىتىمىز ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار بىلەن كۆرۈشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-07-31   
2015-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مەملىكىتىمىزدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان تۈركىيە زۇڭتۇڭى رەجەب تەييىب  ئەردۇغان بېيجىڭدا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىددىن چېن گۇاڭيۈەن قاتارلىق مەملىكىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ قىزغىن، دوستانە سۆھبەت ئېلىپ باردى.
رەئىس ھىلالىددىن چېن گۇاڭيۈەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋە مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىغا ۋاكالىتەن زۇڭتۇڭ ئەردۇغاننىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى، جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ جۇڭگوغا تارقىلىشى،  نۆۋەتتىكى مەملىكىتىمىز  ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالى، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي تۇرمۇشى، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشى، جۇڭگو-تۈركىيە ئىسلام دىنى ساھەسىنىڭ دوستانە ئالاقىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. رەئىس ھىلالىددىن چېن گۇاڭيۈەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى دۆلىتىنى سۆيۈپ، دۆلەتنىڭ ھەر تۈرلۈك قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىپ، مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ئىلگىرى تۈركىيەدە ئۈچ قېتىم زىيارەتتە بولۇپ، تۈركىيە خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان دوستانە ھېسسىياتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ئۇ، ئىككى دۆلەت ئىسلام دىنى ساھەسى ۋە مۇسۇلمانلار ئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ بىر قەدەم كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلدى.
زۇڭتۇڭ ئەردۇغان ئاۋۋال رەئىس شى جىنپىڭ قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، بۇ قېتىملىق زىيارەت نەتىجىلىرىنىڭ مول ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي تۇرمۇشى، دىنىي مائارىپى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى غەمخورلۇقى ۋە قوللىشىغا يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: تۈركىيەنىڭ نوپۇسى 75 مىليون، دىنىي زاتلارنىڭ سانى 100 مىڭ بولۇپ، نىسبەت جەھەتتە جۇڭگودىن تۆۋەن. ئۇ مۇنداق دېدى: مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ دۆلىتىنى سۆيۈشى، دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشى، دۆلەتنى پارچىلايدىغان ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى پەيدا قىلىدىغان ھەرخىل شەكىلدىكى قىلمىشلارغا قارشى تۇرۇشى لازىم. ئۇ خەلقئارادىكى بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ ئېغىزىدا شاھادەت كەلىمىسىنى ئوقۇپ تۇرۇپ نادانلىق بىلەن بىر-بىرىنى رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەپ، مۇسۇلمانلارنىڭ مەزھەپ تالاش-تارتىشىنى تاشلاپ، ئىچكى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ تەپرىقىچىلىك ۋە قانلىق توقۇنۇشلارنى پەيدا قىلىدىغان ئەسەبىي قىلمىشلاردىن ھوشيار تۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇ تۈركىيەنىڭ جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر ۋە مۇسۇلمانلار ئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاخىرىدا زۇڭتۇڭ ئەردۇغان رەئىس ھىلالىددىن چېن گۇاڭيۈەنگە تۈركىيەدە بېسىلغان نەپىس قۇرئان كەرىمدىن بىرنى ھەدىيە قىلدى، ھىلالىددىن چېن گۇاڭيۈەن زۇڭتۇڭ ئەردۇغانغا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى يېقىندا باسقان «قۇرئان كەرىم»نىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسى، ئۇيغۇرچە «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىس شەرىفتىن تاللانمىلار مەجمۇئەسىنى ھەدىيە قىلدى.
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېن، مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ئادىل ھاجى كېرىم، ليۇ كېجې ھەمدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ بېيجىڭدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمان ھەيئەت ئەزالىرى قاتارلىقلار سۆھبەتكە قاتناشتى.
(مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر خەۋىرى)
يەنە >>سۈرەتلەر