باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى 2015-يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش ۋە ئۇنۋان تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-07-24   
 2015-يىل 7-ئاينىڭ 18-كۈنى روزا ھېيت كۈنى جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى 2015-يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش ۋە ئۇنۋان تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ھىلالىدىن چېن گۈڭيۈەن ئاخۇن، دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسى4- باشقارمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ جۇڭخەي، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپ بەدرىدىن گو چېڭجېن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئادىل ھاجى كېرىم، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى قوشۇمچە جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نەبىل ماجۇڭپىڭ، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۇڭ ئېنلىن ۋە ئىنستىتۇتنىڭ بارلىق ئۇستاز-تالىپلىرى قاتناشتى.
ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقىقەتنى تەرغىب قىلىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش يولىدا تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، ھاياتىدىن پارلاق سەھىپىلەر قالدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى. مۇئاۋىن رەئىس ئادىل ھاجى كېرىم «داۋاملىق ئالغا ئىنتىلىپ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتايلى» تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت ۋە ئۆگىنىش جەريانىدا ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ئىشلاردا ئىناقلىقنى تەكىتلەش روھىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۆمۈر بويى ئۆگىنىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئۆزلۈك ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتىرىپ، مۇسۇلمانلار جامائىتى ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 4-باشقارمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جۇڭخەي دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىغا ۋاكالىتەن، تۇنجى قېتىم باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى خىزمەت ئورنى ۋە تۇرمۇشىدا تېخىمۇ چوڭ رول ئويناپ، كۆپرەك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، يەرلىك ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ خىزمىتىدە تايانچ كۈچلەردىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. مۇراسىمغا مۇئاۋىن مۇدىر نەبىل ما جۇڭپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.
جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى 2015-يىل ئەھلى ئىلىم باكلاۋۇرلىقى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن 26 ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى ۋە ئۇنۋان سالاھىيەتنامىسى تارقىتىپ بەردى. بۇ، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئېلىپ بېرىلغان ئۇنۋان تارقىتىش ھېسابلىنىدۇ.

 

يەنە >>سۈرەتلەر