باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى 2015- قارارلىق تۆت يىللىق تولۇق كۇرس سىنىپىنىڭ باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى ئىلمىي ماقالىسىنى ياقىلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-07-24   
2015-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى 2015- قارارلىق تۆت يىللىق تولۇق كۇرۇس سىنىپىنىڭ باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى ئىلمىي ماقالىسىنى ياقىلاش مۇراسىمى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيانقى بىرىنچى قېتىملىق ئىش بولۇپ، جۇڭگو ئىسلام مائارىپ تارىخىدىمۇ يېڭى ئېچىلغان بىر سەھىپىدۇر.
بۇ قېتىملىق باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى ئىلمىي ماقالىسىنى ياقىلاش مۇراسىمى دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى «ئىككى تەدبىر»ىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىسلام ئىنستىتۇتلىرى ئىچىدە باشلامچىلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سىناق خىزمەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى مۇئاۋىن پىروفېسسور ، لېكتور ھەمدە بىر قىسىم ئاسپىرانت ۋە دوكتورلۇقنى پۈتكۈزگەن ئوقۇتقۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان «باكلاۋۇرلىق ئۇنۋانى باھالاش كومىتېتى »نى مەخسۇس قۇرۇپ چىقىپ، ئىنچىكە نۇقتىلارنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، ئەستايىدىل مەسئۇل بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي ماقالىنى يېزىشىغا ئىنچىكىلىك بىلەن يېتەكچىلىك قىلىپ ئۇلارنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىلمىي ماقالىنى ياقىلاشتا لاياقەتلىك بولۇش ئاساسىدا، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا دىن ئىلمى باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى بېرىلدى.  كېيىن داۋاملىق شارائىت يارىتىپ دىن ئىلمى بويىچە ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنى مائارىپىنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا يۈزلەندۈردى.
يەنە >>سۈرەتلەر