باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئۇيغۇرچە تورى ئۈن– سىن قانىلىنى ئېلان قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-07-17   
 
ئۆز خەۋىرىمىز: جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، كەڭ ئېتىقادچى ئاممىنىڭ ئىسلام دىنى بىلىملىرىنى زامانىۋى تاراتقۇ ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئوبرازلىق ئۆگىنىشى ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىپ، مەخسۇس ئۈن-سىن قانىلى تەسىس قىلدى(باش بەت سەھىپىلەر ئىچىدىكى” ئۈن-سىن قانىلى“نى چېكىپ كىرىمىز). بۇ قانالدا ۋىدىيولۇق خەۋەر ۋە ئۇچۇرلار، ۋىدىيولۇق ۋەز-تەبلىغلەر، ۋىدىيولۇق قىرائەتلەر، ئۈن سەھىپىسى، مەخسۇس سەھىپە، ھۆججەتلىك فىلىم قاتارلىق سەھىپىلەر تەسىس قىلىندى. بۇ سەھىپىلەرنىڭ مەزمۇنى مول بولۇپ، شىنجاڭدىكى داڭلىق ئىسلام ئۆلىمالىرى، ئىمام-خاتىپلار، مۇدەررىسلەرنىڭ ۋەز-تەبلىغلىرى؛ مەملىكەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىلىرىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن ماھىرلارنىڭ ۋەز-تەبلىغلىرى؛ مەملىكەتلىك قىرائەت مۇسابىقىلىرىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن ماھىرلارنىڭ قىرائەتلىرى، ئۇستاز، تالىپلارنىڭ قىسقا سۈرىلەر قىرائىتى، ئىسلام دۇنياسىغا مەشھۇر بولغان شەيخ ئابدۇرەھمان سۇدەيىسنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى(( mp3، شەيخ ئابدۇلباسىت ئابدۇلسەمەدنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى(( mp3؛ شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى ئۇستازلىرى سۆزلىگەن ناماز ۋە تاھارەتنىڭ پەزىلىتى، ناماز ۋە تاھارەتنىڭ ئەھكاملىرى، ناماز ۋە تاھارەت ئېلىشنىڭ تەرتىپ ئۇسۇللىرى، بەش ۋاق نامازنىڭ ئەھكاملىرى، بەش ۋاق نامازنى يالغۇز، جامائەت بولۇپ ئوقۇش توغرىسىدىكى چۈشەنچىلەر، بەش ۋاق نامازنى يالغۇز ، جامائەت بولۇپ ئوقۇش قائىدىلىرى، ئۇسۇل تەرتىپلىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  ئۈن-سىن فىلىملىرى ئېتىقادچى ئاممىنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى. ئىنشائاللاھ! ئاللاھ تالانىڭ ئىنايىتى بىلەن بارلىق تىرىشچانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ، ئىسلام دىنىغا دائىر ھەرخىل مەزمۇندىكى ئۈن-سىن مەزمۇنلىرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.                                                   (ھاجى بارات رەجەپ خەۋىرى)  
يەنە >>سۈرەتلەر