باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتى ئىپتارلىق زىياپەت بەردى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-07-16   مەنبەسى:شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتى
2015- يىل 7-ئاينىڭ 9-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتى ئۈرۈمچى خۇالىڭ مېھمانخانىسىدا ئۈرۈمچى ۋە سانجىدىكى دىنىي زاتلارغا ئىپتارلىق زىياپەت بەردى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېڭ جېنشەن، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى)نىڭ مۇدىرى تۇرغان پىدا قاتارلىق رەھبەرلەر زىياپەتكە قاتنىشىپ، دىنىي زاتلار بىلەن سۆھبەتلەشتى.
شاۋكەت ئىمىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ئىككى شەھەردىكى دىنىي زاتلار ۋە شىنجاڭدىكى بارلىق دىنىي زاتلاردىن ھال سوراپ، ئۇلارنىڭ دىنلار ئىناقلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتا داۋاملىق ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز داموللا بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، سانجى ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سانجى ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كوۋ جىنفا ئاخۇن ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.
يەنە >>سۈرەتلەر