باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تورىنىڭ شىنجاڭدىكى رامىزانلىق پائالىيىتى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-07-09   
 
2015-يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىمنىڭ باشچىلىقىدا تور بېكەتنىڭ باش مۇھەررىرى مالىچياڭ قاتارلىق بەش كىشىلىك سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا بېرىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزانلىق تۇرمۇشىنى سۈرەتكە ئالدى. 7-ئاينىڭ 7-كۈنى رامىزانلىق شىنجاڭ سەپىرى پائالىيىتى مۇۋاپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەت داۋامىدا سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچى ۋە تۇرپان شەھىرىدىكى ئۇيغۇر، خۇيزۇ، قازاق مۇسۇلمانلىرىنىڭ 13 مەسچىتىنى، مەسچىتنىڭ ئىچى، سىرتقى كۆرۈنۈشلىرىنى، ئىپتارلىق پائالىيەت، تەراۋىھ ۋە جۈمە نامازلىرىنى سۈرەتكە ئالدى، 10 دىن ئارتۇق ئىمام-خاتىپنى ۋە بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ ئائىلىسىدىكى رامىزانلىق تۇرمۇش پائالىيىتىنى زىيارەت قىلىپ سۈرەتكە ئالدى. بۇ زىيارەت خاتىرىلىرى جەمئىيىتىمىز تور بېتىدە 8 يۈرۈش سۈرەتلىك خەۋەر (جەمئىي 100 دىن ئارتۇق سۈرەت)، ئىككى خەۋەر قىلىنىپ ئېلان قىلىندى. سۈرەتكە ئېلىنغان ماتېرىياللار كېيىنچە فىلىم قىلىپ ئىشلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ رامىزانلىق تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگۈسى.
بۇ قېتىمقى زىيارەت ۋە فىلىم ئىشلەش پائالىيىتى دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، ئۈرۈمچى ۋە تۇرپان شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك بىرلىك سەپ، مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى ئىدارىسى ھەمدە ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ قوللىشى ھەم ماسلىشىشىغا ئېرىشتى.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم ئۈرۈمچى ئاق مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئابدۇشۈكۇر ھاجى بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە

مۇئاۋىن رەئىس ئادىل ھاجى كېرىم ئۈرۈمچى قازاق مەسچىتىنىڭ ئىمامى بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە

مۇئاۋىن رەئىس ئادىل ھاجى كېرەم ئۈرۈمچى غەربىي تاغ ئىتتىپاق مەسچىتىنىڭ ئىمامى بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە

سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى تۇرپان شەھەرلىك پارتكوم رەھبەرلىرى ۋە دىنىي زاتلار بىلەن مەسچىتتە سۆھبەت ئېلىپ باردى

سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچى جىگدىلىك مەسچىتىنىڭ ئىمامىنى زىيارەت قىلدى

سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچى قازاق مەسچىتىنىڭ ئىمامىنى زىيارەت قىلدى

سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچىدىكى دىنىي زاتلارنى زىيارەت قىلدى

سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى تۇرپان شەھىرى چوڭ جامەنىڭ ئىمامىنى زىيارەت قىلدى

 
يەنە >>سۈرەتلەر