باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

”خەيرلىك رامىزان“- جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ شىنجاڭدىكى يەرلىك ئىسلام جەمئىيەتلىرىگە ماشىنا ئىئانە قىلىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-07-06   
ئۆز خەۋىرىمىز: 2015-يىل 7-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى، جۇڭگو قىزىل كىرېست فوند جەمئىيىتى جىن ۋەننيەن فوندى، شەرق شامىلى پىكاپ شىركىتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن شىنجاڭدىكى يەرلىك ئىسلام جەمئىيەتلىرىگە خىزمەت ماشىنىسى ئىئانە قىلىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.
دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جيەنيۇڭ، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ما جىن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىبراھىم خۇڭ چاڭيو، شېنجېن جىن ۋەننيەن جاۋاھىرات چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى لى جيەنخاۋ،  شەرق شامىلى پىكاپ شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لى چۈنروڭ، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت مەتنىياز داموللام مۇراسىمغا قاتنىشىپ سۆز قىلدى.
      بۇ قېتىمقى ئىئانە خەيرلىك رامىزان روھىنى باش تېما قىلغان بولۇپ، مۇراسىمغا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېن رىياسەتچىلىك قىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا مۇلازىمەت قىلىش، جەمئىيەتكە بەخت يارىتىشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاكتىپ ئاتلاندى، رامىزان ئېيىدا ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش خەير-ئېھسان پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ جەمئىيەتنىڭ ياخشى باھاسىغا سازاۋەر بولدى.
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا شىنجاڭدىكى يەرلىك ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ خىزمەت ماشىنىسىنىڭ كەملىكىنى، بولسىمۇ كونىراپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ، ھەر تەرەپلەر بىلەن ئاكتىپ ئالاقە قىلدى. نەتىجىدە، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتى جىن ۋەننيەن فوندى 588مىڭ يۈەن خەلق پۇلى، شەرق شامىلى پىكاپ شىركىتى 212 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى ئىئانە قىلدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئېرىشكەن بۇ ئىئانە پۇلغا شەرق شامىلى پىكاپ شىركىتىدىن6 دالا پىكاپى سېتىۋېلىپ، شىنجاڭدىكى يەرلىك ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ ماشىنا قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، شىنجاڭدىكى يەرلىك ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلار ئاممىسى ۋە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىشىنى قوللاشنى مەقسەت قىلىپ، بۇ ماشىنىلارنى قەشقەر، خوتەن، ئىلى، تۇرپان، ئاقسۇ قاتارلىق بەش ۋىلايەت، ئوبلاستلىق ئىسلام جەمئىيەتلىرى ۋە يەكەن ناھىيەلىك ئىسلام جەمئىيىتىگە ئىئانە قىلدى.
 قەشقەر، خوتەن، ئىلى، تۇرپان، ئاقسۇ قاتارلىق بەش ۋىلايەت، ئوبلاستلىق ئىسلام جەمئىيەتلىرى ۋە يەكەن ناھىيەلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى ئىئانە مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، ئىئانىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.
مۇراسىمغا يەنە دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى خېي دېكۈن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرىدىن ھاجى بارات رەجەپ، نەبىل ما جۇڭپىڭ، ئامۇر جاڭ گۇاڭلىن، ئىمادىدىن ۋېن جىيەن ۋە بىر قىسىم خىزمەتچىلەر قاتناشتى.
يەنە >>سۈرەتلەر