باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە دىنىي زاتلارغا ئىپتارلىق بېرىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-07-03   

2015-يىل 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن دىنىي زاتلارغا ئىپتارلىق بېرىلدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرەم، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغان پىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، شەھەر باشلىقى ئىلھام سابىر، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرەھىم ئابلىز قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، دىنىي زاتلار ۋە مۇسۇلمانلار ئاممىسىدىن ھال سورىدى ھەمدە سالام يوللىدى. كۆپچىلىكنىڭ بۇ مۇبارەك ئاينى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى داۋاملىق قوغداپ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى. پائالىيەتكە ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شىرزات باۋۇدۇن رىياسەتچىلىك قىلدى. زىياپەتكە 40 تىن ئارتۇق دىنىي زات تەكلىپ بىلەن قاتناشتى، ئۈچ ۋەكىل سۆز قىلدى.  

 

يەنە >>سۈرەتلەر