باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك 10-نۆۋەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى ۋە 11-نۆۋەتلىك قۇرئان تىلاۋەت مۇسابىقىسى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-06-17   
ئۈچ كۈن داۋاملاشقان مەملىكەتلىك 10-نۆۋەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى ۋە 11-نۆۋەتلىك قۇرئان تىلاۋەت مۇسابىقىسى 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچىدە غەلىبىلىك ئاياغلاشتى. ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ماھىرلار ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر شەرھلەپ ، مۇسۇلمانلارنى توغرا ئەقىدىگە يېتەكلىدى. ماھىرلارنى باھالاش نەتىجىسىدە، خەنزۇ تىلى گۇرۇپپىسىدىن: نېڭشيالىق ماھىر ياڭ جىنبو بىرىنچىلىككە؛ گۇاڭدوڭلىق ماھىر مى ۋېنگۇاڭ، جېجياڭلىق ماھىر دۇ يوڭبو ئىككىنچىلىككە؛ خېيلوڭجياڭلىق ماھىر گو خەيخۇي، گۇاڭشىلىق ماھىر خې چۈنگۇاڭ، بېيجىڭلىق ماھىر ياڭ دوڭۋېن ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى. ئۇيغۇر، قازاق تىلى گۇرۇپپىسىدىن: ئابدۇۋاھاپ رەھمان بىرىنچىلىككە؛ مۇھەممەد كېرىم، مۇھەممەد ئىسمائىل ئىككىنچىلىككە؛ باھايىدىن تاھىر، سەرىك شەھىدۇللا (قازاق)، ئەھمەد سەيدۇللا ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى. قۇرئان تىلاۋەت مۇسابىقىسىدە شىنجاڭلىق ئەلىنىياز ئەلى قارىي بىرىنچىلىككە، ئەزىمەت قۇربانتاي، ئابدۇۋەلى مەخسۇت، مۇھەممەد ئەمىن ئابلا ئىككىنچىلىككە؛ ئۆمەر ئەلى داۋۇت، ياڭ كەي(يۈننەندىن)، يې جىن(چىڭخەيدىن)، ما يۈن(شىنجاڭدىن) قاتارلىق قارىيلار ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى.
مۇسابىقىلەرنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ جيەنيۇڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھىسامىدىن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېن، مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرەم، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغان پىدا، مۇئاۋىن مۇدىرى مۇختار ھەسەن قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جۇڭشىن ئاگېنتلىقى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، جۇڭگو كۈندىلىك خەۋەرلىرى گېزىتى، داگوڭباۋ گېزىتى، شۇنداقلا شىنجاڭ گېزىتى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، تىيانشان تورى قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق ئاخبارات ۋاسىتىسى مۇسابىقە ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلدى ھەمدە ماھىرلارنى مەخسۇس زىيارەت قىلىپ، جەمئىيەتتە ئاكتىپ، ئىجابىي تەسىر پەيدا قىلدى.
 
يەنە >>سۈرەتلەر