باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك 10-نۆۋەتلىك ۋەزـتەبلىغ مۇسابىقىسى ۋە 11-نۆۋەتلىك قىرائەت مۇسابىقىسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-06-11   
ئۆز خەۋىرىمىز: 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئۆتكۈزگەن «ئوتتۇراھال يول تۇتۇش، ئىناقلىق، جۇڭگو ئارزۇسى»تېمىسىدىكى مەملىكەتلىك 10-نۆۋەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى ۋە 11-نۆۋەتلىك قىرائەت مۇسابىقىسى (20 يىللىق خاتىرە مۇسابىقىسى) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستىتۇتىدا ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 20نەپەر مۇنەۋۋەر ۋەز-تەبلىغچى ۋە 25نەپەر مۇنەۋۋەر قىرائەتچى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشتى.
مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى) نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇختەر ھەسەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قۇشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گوچېڭجېن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم، شىنجاڭ ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېقىپ تۈمۈرنىياز قاتارلىقلار قاتناشتى.
ئادىل ھاجى كېرىم ئېچىلىش نۇتقىدا مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرىدە مەملىكەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى ۋە قىرائەت مۇسابىقىسىنى بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت شۇكى، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، تېنچلىق، كەڭ قورساقلىق، مىھىر-شەپقەتلىك بولۇش قاتارلىق ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي روھىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش، مەملىكىتىمىزدىكى ھەرمىللەت مۇسۇلمانلىرىنى ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرىنى توغرا چۈشىنىشكە پائال يېتەكلەش، ئىسلام دىننىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى تېخىمۇ كەڭ تەشۋىق قىلىش، بايرىقى روشەن ھالدا ئەسەبىي ئىدىيەلەرگە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت. ئۇ: مەملىكىتىمىزدىكى ئاخۇن، موللىلاردىن شەرىئەت كىتاپلىرىنى ياخشى ئوقۇش، شەرىئەتنى ياخشى چۈشەندۈرۈش، مۇسۇلمانلارنى توغرا ئېتىقاد يولىغا يېتەكلەش، مەدەنىي ئىش قىلىپ، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرگە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلدى.
مۇختەر ھەسەن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەملىكەتلىك 10-نۆۋەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى ۋە 11-نۆۋەتلىك قىرائەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىشى دىنى زاتلار ۋە ئېتىقادچى ئاممىنى توغرا ئېتىقاد، توغرا پائالىيەت يۇلىغا يېتەكلەش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى ئۈنۈملۈك چارە. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە پائالىيىتى شىنجاڭنىڭ شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش، شەرىئەتنى توغرا سۆزلەش خىزمىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. شىنجاڭ بۇ مۇسابىقە پائالىيىتىدىن پايدىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىي نىشانىنى چۆرىدىگەن ھالدا، دىنى ساھادىكىلەرنىڭ شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى تېخىمۇ قوللاپ، ۋەز-تەبلىغ ۋە قىرائەت مۇسابىقىلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىن ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئېچىلىش مۇراسىمىغا مەملىكىتىمىزنىڭ بىرقىسىم ئۆلكە، ئاپتوۇنوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى، شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دىنى زاتلار ۋەكىللىرى ۋە شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ 200دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
(ھاجى بارات رەجەپ خەۋىرى)

يەنە >>سۈرەتلەر