باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنجاڭ دىنىي زاتلار ئېكىسكۇرسىيە ئۆمىكىدىكىلەر جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدە

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-04-27   

 

ئۆز خەۋىرىمىز: مەركەز بىرلىك سەپ بۆلۈمى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە غەمخورلۇقى بىلەن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، خۇيزۇ، تاجىك قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نوقتىلىق مەسچىتلەردە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 50 نەپەر ئىمام-خاتىپتىن تەشكىل تاپقان 42-قېتىملىق شىنجاڭ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ئېكىسكۇرسىيە ئۆمىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى ئازاتنىڭ يېتەكچىلىكىدە 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېن، مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم، مۇئاۋىن باش كاتىپلىرىدىن ھاجى بارات رەجەپ، ئابدۇللا ئەمىن جىن رۇبىڭ قاتارلىقلار ئۆمەك ئەزالىرى بىلەن سەمىمىي سۆھبەت ئۆتكۈزدى. گو چېڭجېن، ئادىل ھاجى كېرىم قاتارلىقلار ئۆمەك ئەزالىرىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارغا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ تارىخى، ئىشلىگەن خىزمەتلىرى، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش، دىنىي ئىشلار، ھەج تاۋاپ، ژۇرنال نەشر قىلىش، ئىسلام دىنى دەستۇرلىرىنى نەشر قىلىش، ئىسلام تورى تەسىس قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. (بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر