باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ھەج خىزمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا زىيارەتتە بولدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-02-10   
ئۆز خەۋىرىمىز: سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم باشچىلىقىدىكى بەش كىشىلىك جۇڭگو ھەج خىزمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا زىيارەتتە بولۇپ، 2015-يىللىق جۇڭگو ھاجىلىرىنىڭ مەككە مۇكەررەمەگە بېرىپ ھەج قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ۋە تەشكىلىي ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردى.
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا، ۋەكىللەر ئۆمىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج مىنىستىرلىقىنىڭ ئىككىنچى قول باشلىقى ھۈسەيىن قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن رەسمىي سۆھبەتتە بولدى. شۇنداقلا 2015-يىللىق جۇڭگو ھاجىلىرىنىڭ سانىنى بېكىتىپ كېلىشىم ئىمزالىدى. ئىككى تەرەپ ھەج ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىش، باشقۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا ئەستايىدىل ئىزدەندى ۋە بەزى ئەمەلىي مەسىلىلەردە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.
ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھەج مىنىستىرلىقىگە قاراشلىق مەككە، مەدىنەدىكى ھەج ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئورگانلىرى، بىرلەشمە ۋاكالەتچىلىك ئىشخانىسى، ئاپتوموبىل باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئېلېكترونلۇق قانال باشقۇرۇش بۆلۈمى، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى، سەئۇدى ئەرەبىستانى-گوللاندىيە بانكىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى ۋە خىزمەت تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە 2015- يىللىق ھاجىلارنىڭ تۇرىدىغان ياتاق ئەھۋاللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى(مۇھەممەدئەمىن مەھمۇد خەۋىرى؛ مەسئۇل مۇھەررىرى: ھاجى بارات رەجەپ)

 

يەنە >>سۈرەتلەر