باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھىلالىددىن چېن گۇاڭيۈەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا بېرىپ پادىشاھ ئابدۇللا بىن ئابدول ئەزىزنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-01-31   
 
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىددىن چېن گۇاڭيۈەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا بېرىپ، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىغا ۋاكالىتەن 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋاپات بولغان ئىككى ھەرەم شەرىفنىڭ خىزمەتكارى پادىشاھ ئابدۇللا بىن ئابدول ئەزىزنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى. رەئىس ھىلالىددىن چېن گۇاڭيۈەن كۆپچىلىك بىلەن بىللە مەرھۇم پادىشاھ ئابدۇللا بىن ئابدول ئەزىزنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلدى ھەمدە تەزىيە سۆز دەپتىرىگە سۆز قالدۇرۇپ مەرھۇم پادىشاھ ئابدۇللا بىن ئابدول ئەزىزنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر قايغۇسىنى بىلدۈردى. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يەھيا ئەپەندى ھىلالىددىن چېن گۇڭيۈەننىڭ جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىغا ۋاكالىتەن تەزىيە بىلدۈرگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇستافا ياڭ جىبو، مۇئاۋىن باش كاتىپ ھاجى بارات رەجەپ، خەلقئارا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مۇسا چېن يۈلوڭ قاتارلىقلار بىرلىكتە تەزىيە مۇراسىمىغا قاتناشتى.
(قەلبىنۇر ئابدۇقەييۇم خەۋىرى؛ مەسئۇل مۇھەررىرى: ھاجى بارات رەجەپ)
 
يەنە >>سۈرەتلەر