باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەزىيەنامە

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-01-29   
ئىككى ھەرەم شەرىفنىڭ خىزمەتكارى، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھى ئابدۇللا بىن ئابدول ئەزىزنىڭ ۋاپات بولغانلىق مۇسىبەت خەۋىرى بىزنى تولىمۇ قايغۇغا چۆمدۈردى، بىز ناھايىتى قايغۇرغان ھالدا پادىشاھ جەمەتىدىكىلەرگە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا ئەڭ چوڭقۇر تەزىيەمىزنى بىلدۈرىمىز ھەمدە سەمىمىي ھال سورايمىز.
مەرھۇم پادىشاھ ئابدۇللا بىن ئابدول ئەزىز سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، ئۆمرىنى سەئۇدى ئەرەبىستانى خەلقىنىڭ بەختى ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن سەرىپ قىلغان، شۇنداقلا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دۆلەت ئىچىنىڭ مۇقىم، ئىناق بولۇشى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان.
مەرھۇم پادىشاھ ئابدۇللا بىن ئابدول ئەزىز بىز جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭمۇ يېقىن دوستى ئىدى، ئۇ جۇڭگو ئىسلام دىنىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ قۇۋەتلەپ ۋە ياردەملەرنى بېرىپ، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى بىلەن چوڭقۇر مىھرى-مۇھەببەت ئورناتقان ئىدى ئۇ جۇڭگو ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىككى دۆلەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ قېرىنداشلارچە دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزۈلمەستىن راۋاجلىنىشى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان ئىدى، بىز جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى پادىشاھ ئابدۇللا بىن ئابدول ئەزىزنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيەمىزنى بىلدۈرىمىز ھەمدە ئۇ زاتنى مەڭگۈ ياد ئېتىمىز.
ئاللاھ تائالا مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي، ئامىن!
 
     جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى
    2015-يىلى1-ئاينىڭ 23-كۈنى               
يەنە >>سۈرەتلەر