باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

2014-يىللىق مەملىكەتلىك ئىسلام جەمئىيەتلىرى باش كاتىپلىرى بىرلەشمە يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-12-26   
 
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك ئىسلام جەمئىيەتلىرى باش كاتىپلىرى بىرلەشمە يىغىنى بېيجىڭ ياڭفاڭ دادۇ مېھمانسارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكىتىمىزنىڭ 29 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىرىدىكى ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ باش كاتىپلىرى ياكى مەسئۇل خادىملىرى يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىددىن چېن گۇاڭيۈەن ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ لېبىن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېن سۆز قىلدى. دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3- مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى كۇاڭ شېڭ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ئىبراھىم خوڭ چاڭيو، مۇستافا ياڭ جىبو، ئادىل ھاجى كېرىم قاتارلىق رەھبەرلەر ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
ھىلالىددىن چېن گۇاڭيۈەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن كۆپچىلىكنىڭ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى، جايلاردىكى ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ خىزمىتىنى قوللاپ قۇۋەتلىگەنلىكىگە چوڭقۇر رەھمەت ئېيتتى. ھىلالىددىن چېن گۇاڭيۈەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ جايلاردىكى ئىسلام جەمئىيەتلىرى بىلەن بىللە، شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى باشلامچى قىلىپ، دەۋرنىڭ خىرىسلىرىنى قۇبۇل قىلىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئىستىلىمىزنى ئۆزگەرتىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن مۇسۇلمانلار ئاممىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ مۇسپەت ئېنىرگىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىزنى ئۈمىد قىلدى.
دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ لېبىن دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىغا ۋاكالىتەن بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەمدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋە جايلاردىكى ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ ئىسلام جەمئىيىتى تەشكىلاتلىرى دىنىي ئىشلارغا يىتەكچىلىك قىلىش، مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا مۇلازىمەت قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلام دىنى بىلەن سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك، ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى دەپ قارىدى. ئۇ ھەر دەرىجىلىك ئىسلام جەمئىيەتلىرى تەشكىلاتلىرى باش كاتىپلىرىنىڭ ھازىرقى ۋە بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلىرى توغرىسىدا تۆۋەندىكى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچىدىن پارتىيەنىڭ 18-نۆۋەتلىك 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيەنىڭ 18-نۆۋەتلىك 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىدىيە بىلەن ھەرىكەتنى مەركەزنىڭ روھىغا ماسلاشتۇرۇش، دۆلەت قانۇنى بىلەن دىنىي بەلگىلىمە، ھوقۇق بىلەن مەجبۇرىيەت، ھوقۇقنى قوغداش بىلەن مۇقۇملىقنى قوغداش، گىراژدانلىق بىلەن مۇسۇلمانلىق، خاسلىقنى ساقلاش بىلەن ئالاھىدىلىكنى نامايەن قىلىش ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا تونۇش ۋە توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، دىنغا ۋارىسلىق قىلىش، ئاممىنى يېتەكلەش، جەمئىيەتكە بەخت يارىتىش، ئومۇمىي ۋەزىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى دادىللىق بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئېلىش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، ئاكتىپلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ۋەزىپىنى ئالدىنقى ئۇرۇنغا قويۇش، دىنىي خىزمەتنى ۋە مەمۇرى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش، جەمئىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، مۇلازىمەتنى ئوبدان قىلىش لازىم؛ تۆتىنچىدىن، ئۆزىنى كۈچەيتىش، نىشاننى ياخشى بەلگىلەش، قابىلىيەتنى ئۆستۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئادا قىلىش، ياخشى ئوبراز تىكلەپ، كەڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلارنى ۋە مۇسۇلمان ئاممىسىنى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومېتىتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، «ئىككى يۈز يىل» كۆرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ئورتاق كۆرەش قىلىش لازىم.
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قۇشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېن سۆزىدە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىل ۋاقىت ئىچىدە ئىسلام جەمئىيەتلىرى شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدىگەن ھالدا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىشى لازىم. ئۇ جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەردىن خەلقئارادىكى كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە دىنلار ئارا مۇلاقاتنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى ياخشى خەلقئارا مۇھىتنى ياخشى تونۇپ، شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىتىقاد سەۋىيەسىنى يوقىرى كۆتۈرۈشنى تېزلىتىپ، جۇڭگو ئىسلام دىنى بىلەن توختاۋسىز تەرەققى قىلىۋاتقان، ئۆزگېرىۋاتقان ۋە موللىشېۋاتقان سوتسىيالىستىك جەمئىيەت ھەمدە كۆپ مەدەنىيەت مەنبەسىدىن تەركىپ تاپقان دۇنيا بىلەن ئوزئارا ماسلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.
يىغىندا، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى، جۇڭگو ئىسلام ئىنىستىتۇتى ھەر قايسى بۆلۈملىرىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى ۋە يىغىنغا قاتناشقان بىر قىسىم ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە شەھەرلەردىكى ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى يىغىندا سۆز قىلدى، ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى، ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇردى، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ لېبىن ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېننىڭ مۇھىم سۆزلىرىنى ھەمدە «مەسچىتلەرنى دېمۇكراتىك باشقۇرۇش چارىسى» ۋە «جۇڭگو ئىسلام ئىنىستىتۇتىنىڭ تەرەققىيات پىلان پىروگىراممىسى» (لاھىيە نۇسخىسى) قاتارلىقلارنىڭ تۈزۈپ چىقىلىشى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى ھەمدە بۇندىن كېيىنكى ئىسلام دىنى خىزمىتى ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتلىرى توغرىسىدا تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
(قەلبىنۇر ئابدۇقەييۇم خەۋىرى؛ مەسئۇل مۇھەررىرى: ھاجى بارات رەجەپ)  
يىغىن مەيدانى
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىددىن چېن گۇاڭيۈەن سۆز قىلماقتا
دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ لېبىن سۆز قىلماقتا
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېن سۆز قىلماقتا
گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇھاكىمە قىلىنماقتا

 

 

 
يەنە >>سۈرەتلەر