باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى بېيجىڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-12-19   
ئۆز خەۋىرىمىز: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئۆتكۈزگەن 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.
مۇسابىقە جەريانىدا، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 50 نەپەر ماھىر ئۆز ماھارىتىنى يۇقىرى سەۋىيەدە نامايەن قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مول مەدەنىي بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە چوڭقۇر دىنىي بىلىم سەۋىيەسىنى نامايەن قىلىپ، كۆپچىلىككە ياخشى تەسىرلەرنى قالدۇردى. كەسكىن مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق ئاخىرىدا، خەنزۇ تىلى ئەرلەر گۇرۇپپىسىدىن مى ۋېنگاڭ، ئۇيغۇر تىلى گۇرۇپپىسىدىن باھايىددىن تاھىر (شىنجاڭ ئاقسۇدىن) بىرىنچىلىككە؛ خەنزۇ تىلى ئاياللار گۇرۇپپىسىدىن گو يۇڭشىيا ئالاھىدە ۋەز-تەبلىغچى مۇكاپاتىغا؛ خەنزۇ تىلى ئەرلەر گۇرۇپپىسىدىن جىن سۈنخاۋ، ۋاڭ پېيگو، گوخەيخۇي، ئۇيغۇر تىلى گۇرۇپپىسىدىن ئابدۇراززاق قاسىم (شىنجاڭ خوتەندىن)، سېرىك شاھادۇللا (شىنجاڭ چۆچەكتىن، قازاق) ئىككىنچىلىككە؛ خەنزۇ تىلى ئەرلەر گۇرۇپپىسىدىن ئابدۇراھمان موللانىياز ( شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىدىن)، جاۋ ئاگاڭ،  يې جۈنتاۋ، ما شېڭمىڭ،  ئۇيغۇر تىلى گۇرۇپپىسىدىن ئىسمائىل جارۇللاھ (شىنجاڭ ئاتۇشدىن)، شاكىرجان ئىلھام  (شىنجاڭ غۇلجىدىن،ئۆزبېك)، شەمسىدىن مەھمۇد (شىنجاڭ ئۈرۈمچىدىن) قاتارلىق ماھىرلار ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى؛  بۇلاردىن باشقا مۇھەممەد ئەلى مۇھىدىن  (شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنىستىتۇتىدىن)، مەمەت ئىمىن  (شىنجاڭ قەشقەردىن)، ئىسمائىل ياقۇپ (شىنجاڭ قۇمۇل ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىن) قاتارلىق ماھىرلار ئۇيغۇر تىلى ئەرلەر گۇرۇپپىسى بويىچە مۇنەۋۋەر ۋەز-تەبلىغچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى ئۈچىنچى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى كۇاڭ شېڭ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم،  جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرىدىن ھاجى بارات رەجەپ، نەبىل ما جۇڭپىڭ، ئابدۇللا ئەمىن جىن رۇبىڭ قاتارلىق رەھبەرلەر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماھىرلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى، كۇاڭ شېڭ، ئادىل ھاجى كېرىم قاتارلىق رەھبەرلەر يىغىندا سۆز قىلدى.
مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى كۇاڭ شېڭ دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى نامىدىن بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم ئۈمىد-ئارزۇلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ نۇتۇق تېمىسىنىڭ چېتىلىدىغان دائىرىسى كەڭ، مەزمۇنى كىشىنى ئاكتىپلىق بىلەن يۇقىرى ئۆرلەشكە ئۈندەيدىغان، ئىسلام دىنىنىڭ دىنىي ئەقىدە ۋە دىنىي بەلگىلىمىلىرىنى، دىنىي ساۋات ۋە دىنىي نەزەرىيەۋى ئەخلاق مىزانلىرىنى ۋەتەننى سۆيۈش ئىدىيەسى، قانۇن-تۈزۈملەر بىلەن ياخشى ماسلاشتۇرغان، ئىسلامنىڭ ئاساسى ئىدىيەسى ۋە ئىلغار مەدەنىيەتلىرىنى رېئال تۇرمۇش بىلەن ياخشى ماسلاشتۇرغان تېمىلار بولۇپ، بۇ مۇسۇلمانلار ئاممىسىنى توغرا بولغان ئىككى ئالەملىك بەخت-سائادەتكە ئېرىشىش ئىدىيەسىنى يېتىلدۈرىشىگە رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلاردىكى ئىسلام دىنى ساھاسىدىكى دىنىي زاتلار پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتكەن يوللىرىغا ئەمەل قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئېسىل دەستۇرلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ھازىرقى زامان مەدەنىي بىلىملىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ئۇمۇمىي ساپانى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يېزىش، سۆزلەش ساپالىرىنى، يېڭى ۋەز-تەبلىغ سەۋىيەلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.
مۇسابىقە جەريانىدا، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېن مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلارغا شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
يېپىلىش مۇراسىمىغا مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا كەلگەن بارلىق ماھىرلار، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو ئىسلام ئىنىستىتۇتىنىڭ بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ھەمدە بىرقىسىم مۇسۇلمانلار ئاممىسى قاتناشتى.
(قەلبىنۇر ئابدۇقەييۇم خەۋىرى؛ مەسئۇل مۇھەررىرى: ھاجى بارات رەجەپ)
يېپىلىش مۇراسىمى نەق مەيدان كۆرۈنىشى
خەنزۇ تىلى ئەرلەر گۇرۇپپىسىدىن بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن ماھىر مىي ۋېنگاڭ دوكلات ۋەز-تەبلىغى بەرمەكتە
ئۇيغۇر تىلى ئەرلەر گۇرۇپپىسىدىن بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن ماھىر باھايىددىن تاھىر دوكلات ۋەز-تەبلىغى بەرمەكتە
خەنزۇ تىلى ئاياللار گۇرۇپپىسىدىن ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماھىر گو يۇڭشىيا دوكلات ۋەز-تەبلىغى بەرمەكتە
مۇكاپات تارقېتىش كۆرۈنۈشى
بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن ماھىرلار خاتىرە سۈرىتى
ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن ماھىرلار خاتىرە سۈرىتى
ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن ماھىرلار خاتىرە سۈرىتى
مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى كۇڭ شېڭ سۆز قىلماقتا
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم سۆز قىلماقتا
9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان شىنجاڭلىق ماھىرلار رەھبەرلەر بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى
باھايىددىن تاھىر مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار بىلەن بىللە دۇئا تىلاۋەت قىلماقتا
يېپىلىش مۇراسىم مەيدانى
يېپىلىش مۇراسىم مەيدانى

 

 

يەنە >>سۈرەتلەر