باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-12-16   
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇراسىم زالىدا داغدۇغۇلۇق ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىملىق مۇسابىقە خەنزۇ تىلى ئەرلەر گۇرۇپپىسى، خەنزۇ تىلى ئاياللار گۇرۇپپىسى ۋە ئۇيغۇر تىلى گۇرۇپپىسى قاتارلىق گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 27 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايون ھەمدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىن بولۇپ 50 نەپەر ماھىر مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە خەنزۇ تىلى ئەرلەر گۇرۇپپىسىدا 37 نەپەر ماھىر، خەنزۇ تىلى ئاياللار گۇرۇپپىسىدا 3 نەپەر ماھىر، ئۇيغۇر تىلى گۇرۇپپىسىدا 10 نەپەر ئەر ماھىر بار.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېن باھالاش ھەيئىتىنىڭ تىزىملىكىنى ۋە مۇسابىقە قائىدە تۈزۈملىرىنى ئېلان قىلدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن بۇ قېتىملىق ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى باھالاش ھەيئىتىنىڭ باش مەسئۇللۇق ۋەزىپىسىگە، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم باھالاش ھەيئىتىنىڭ مەسئۇللۇق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى.
ئېچىلىش مۇراسىمىغا مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا كەلگەن بارلىق ماھىرلار، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو ئىسلام ئىنىستىتۇتىنىڭ بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ھەمدە بىرقىسىم مۇسۇلمانلار ئاممىسى قاتناشتى.
(قەلبىنۇر ئابدۇقەييۇم خەۋىرى؛ مەسئۇل مۇھەررىرى: ھاجى بارات رەجەپ)
ئېچىلىش مۇراسىمى نەق مەيدانى
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېن مۇسابىقە قائىدە تۈزۈملىرىنى ئېلان قىلماقتا
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىمەكتە
ئېچىلىش مۇراسىمى نەق مەيدانى
خەنزۇ تىلى ئەرلەر گۇرۇپپىسىدىكى ماھىرلار
ئۇيغۇر تىلى ئەرلەر گۇرۇپپىسىدىكى ماھىرلار
خەنزۇ تىلى ئاياللار گۇرۇپپىسىدىكى ماھىرلار
يەنە >>سۈرەتلەر