باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدۇ

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-12-11   
بىرقاتار ئەستايىدىل تەييارلىقلار ۋە قاتمۇقات تاللاشلاردىن كېيىن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 12-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى. بۇ قېتىملىق ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسىگە 27 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايون ھەمدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىن بولۇپ 50 نەچچە نەپەر ئەر ۋە ئايال ماھىر مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.
ئىگەللىنىشىچە، بۇ قېتىملىق مۇسابىقە خەنزۇتىلى ئەرلەر گۇرۇپپىسى، خەنزۇتىلى ئاياللار گۇرۇپپىسى ۋە ئۇيغۇرتىلى ئەرلەر گۇرۇپپىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
(قەلبىنۇر ئابدۇقەييۇم خەۋىرى؛ مەسئۇل مۇھەررىر: ھاجى بارات رەجەپ)
يەنە >>سۈرەتلەر