باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىران ئەھلى بەيت مەجلىسىنىڭ رەئىسى ئاياتۇللا مۇھەممەد ھەسەن ئەختەرىي جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدە زىيارەتتە بولدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-12-03   
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىران ئەھلى بەيت مەجلىسىنىڭ رەئىسى ئاياتۇللا مۇھەممەد ھەسەن ئەختەرىي ئۆمەك باشلاپ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدە زىيارەتتە بولدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ئۇلارنى قىزغىن كۈتىۋالدى ۋە سۆھبەتتە بولدى.
رەئىس ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ئاياتۇللا مۇھەممەد ھەسەن ئەختەرىينىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى بىلەن ئىران مۇسۇلمانلىرى ئوتتۇرسىدىكى تارىخي مۇناسىۋەت ئۇزۇن مەدەنىيەت مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ كەلگەن، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى دىنىي، مەدەنىيەت تەرەپلەردە پارىس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە زور دەرىجىدە ئۇچرىغان، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى بىر قىسىم دىنىي ئاتالغۇلارنى ھازىرغىچە پارىس تىلى بىلەن ئاتاپ كەلگەن، مەسىلەن: بەش ۋاق نامازنىڭ ئاتىلىشى قاتارلىقلار. رەئىس ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن يەنە كۆپ قېتىم ئۆزىنىڭ ئىرانغا بارغانلىقىنى، ئىراندىكى نۇرغۇن ئۆلىما دىنىي رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقىتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى، شۇنداقلا ئاياتۇللا مۇھەممەد ھەسەن ئەختەرىي جانابلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى جۇڭگو-ئىران ئىسلام دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىشىشى دەپ كۆرسەتتى.
ئاياتۇللا مۇھەممەد ھەسەن ئەختەرىي جانابلىرى رەئىس ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەننىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتتى. ئۇ بۇ قېتىم جۇڭگوغا تۇنجى قېتىم زىيارەتكە كېلىپ، تۇنجى بولۇپ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە كېلىشنى تاللىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئالاقىسىنى كۈچەيتىش بىلەنلا قالماستىن ئىقتىساد تەرەپتىكى ئالاقىسىنىمۇ كۈچەيتىش ئۈمىدىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى، مەسىلەن: ئىسلامىي يېمەكلىكلەرگە «ھالال» گۇۋاھنامىسىنى بېرىش قاتارلىقلار، بۇ ئارقىلىق ئىككى دۆلەت مۇسۇلمانلىرى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا كېڭەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى ، ئۇ رەئىس ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەننى ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا ئۆتكۈزىلىدىغان ئىسلام ئىتتىپاقلىق يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى ھەمدە بۇ قېتىملىق يىغىننى ئېچىش ئارقىلىق ئۇلتىماتىزىمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئىسلام دىنى مېھرىبانلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىش ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجىن، مۇئاۋىن باش كاتىپى ھاجى بارات رەجەپ، خەلقئارا بۆلىمىنىڭ مۇدىرى مۇسا چېن يۈلوڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىرگە بولدى.
(قەلبىنۇر ئابدۇقەييۇم خەۋىرى؛ مەسئۇل مۇھەررىرى: ھاجى بارات رەجەپ)
 
 
يەنە >>سۈرەتلەر