باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى دىن تەتقىقات مەركىزىدىكىلەر جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدە تەكشۈرۈش تەتقىقات ئېلىپ باردى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-12-03   
2014-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى دىن تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جىيا رۈنگو قاتارلىق تۆت نەپەر تەتقىقاتچى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە كېلىپ «يىڭى ۋەزىيەت ئاستىدىكى دىنىي زاتلار قوشۇنىنىڭ تەربىيەلىنىشى ۋە باشقۇرۇلىشى» دېگەن تەتقىقات تېمىسى ئۈستىدە تەكشۈرۈشتە ۋە سۆھبەتتە بولدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجىن، مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم، مۇئاۋىن باش كاتىپ نەبىل ما جۇڭپىڭ، ئىمادىدىن ۋېن جىيەن شۇنداقلا دىن ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى، ئىسلام ئىنىستىتوتىنىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرى بۇ قېتىملىق سۆھبەتكە قاتناشتى. يىغىن قاتناشچىلىرى ئىسلام دىنى ساھەسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، ئالاھىدىلىكى ھەمدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ئاساستا پىكىر ئالماشتۇردى. بۇ قېتىملىق سۆھبەتكە مۇئاۋىن باش كاتىپ ئىمادىدىن ۋېن جىيەن رىياسەتچىلىك قىلدى.
(قەلبىنۇر ئابدۇقەييۇم خەۋىرى؛ مەسئۇل مۇھەررىرى : ھاجى بارات رەجەپ)
 
 
يەنە >>سۈرەتلەر