باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھىندىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەدەنىيەت كونسۇلى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدە زىيارەتتە بولدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-12-01   
2014-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى، ھىندىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق مەدەنىيەت كونسۇلى گۇ شىيۈەن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدە زىيارەتتە بولدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇستافا ياڭ جىبو ئۇلارنى قىزغىن كۈتىۋالدى ھەمدە دوستانە سۆھبەت ئېلىپ باردى.
مەدەنىيەت كونسۇلى گۇ شىيۈەننىڭ بۇ قېتىملىق زىيارەتتىكى ئاساسلىق مەقسىتى رەئىس ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەننىڭ 2014-يىلى دېكابىردا ئۆمەك باشلاپ ھىندىستانغا قىلماقچى بولغان زىيارىتى توغرىسىدا تەپسىلىي كېڭەش ئېلىپ بېرىش ئىدى. مەدەنىيەت كونسۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ھىندىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جانابلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بۇ قېتىملىق زىيارەتكە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە ئەھمىيەت بېرىدۇ، بۇ قېتىملىق زىيارەت ئارقىلىق جۇڭگو- ھىندىستان ئىككى تەرەپ ھەجگە تەشكىللەش خىزمىتى ، ئىسلام مەدەنىيىتى قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئالاقە ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى، بۇ ئارقىلىق جۇڭگو- ھىندىستان ئىككى دۆلەت ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى دوستانە بېرىش-كېلىش ئالاقىسى ئورنىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
مۇئاۋىن رەئىس مۇستافا ياڭ جىبو رەئىس ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەننىڭ ئەلچى جانابلىرىغا يوللىغان سالىمىنى يەتكۈزدى ھەمدە ھىندىستان تەرەپنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىنى قوللاپ كەلگەنلىكىگە ۋە قىلغان ياردىمىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى، بۇ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۇنجى قېتىم رەسمىي ئۆمەك تەشكىللەپ ھىندىستاننى زىيارەت قىلىش بولۇپ، بۇ قېتىملىق زىيارەت ئارقىلىق ھىندىستاننىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىسلام دىنى ئورگانلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى بىلەن دوستانە ئالاقە ئورنىتىشنى، ئىككى دۆلەت ئىسلام دىنى تەشكىلاتلىرىنىڭ دوستانە ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، بۇ ئارقىلىق ئىككى دۆلەت مۇسۇلمانلىرى ئوتتۇرسىدىكى ئۆز-ئارا چۈشىنىشنى كۈچەيتىش، جۇڭگو ھىندىستان ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە مۇسۇلمانلىرى ئوتتۇرسىدىكى ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش  ئۈمىدى بارلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى، بۇ قېتىملىق زىيارەت جۇڭگونىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىگە ئېرىشتى، جۇڭگو ۋە ھىندىستان ئەلچىخانىلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق جۇڭگو ئىسلام دىنى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ھىندىستاندىكى زىيارىتنىنىڭ ياخشى ئۈنۈملەرگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى خەلقئارا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مۇسا چېن يۈلوڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىرگە بولدى.
(قەلبىنۇر ئابدۇقەييۇم خەۋىرى)
 
 
 
 
يەنە >>سۈرەتلەر