باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىراننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەدەنىيەت كونسۇلى ئالماسى ئەپەندى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدە زىيارەتتە بولدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-12-01   
2014-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىراننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ يىڭى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن مەدەنىيەت كونسۇلى ئالماسى ئەپەندى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدە زىيارەتتە بولدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجىن ئۇلارنى قىزغىن كۈتىۋالدى، ئىككى تەرەپ دوستانە سۆھبەت ئېلىپ باردى.
مۇئاۋىن رەئىس بەدرىددىن گو چىڭجىن ئالدى بىلەن مەدەنىيەت كونسۇلى ئالماسى ئەپەندىنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى ھەمدە يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى، شۇنداقلا بۇيىل 4-ئايدا زىيارەت ئۆمىكىنى باشلاپ ئىرانغا قىلغان زىيارەت ئەھۋالىنى خۇشاللىق بىلەن ئەسلەپ ئۆتتى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ئىران ئىككى دۆلەت مۇسۇلمانلىرى ئوتتۇرسىدىكى مائارىپ، ھەج، ئاخبارات قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردى. مەدەنىيەت كونسۇلى ئالماسى ئەپەندى ئىراننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن ماسلىشىپ، مۇناسىۋەتلىك ھەمكارلىق ئىشلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى نەبىل ما جۇڭپىڭ قاتارلىق رەھبەرلەر كۆرۈشۈشتە بىرگە بولدى.
(قەلبىنۇر ئابدۇقەييۇم خەۋىرى)
يەنە >>سۈرەتلەر