باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ۋەتەنپەرۋەر دىنى زاتلار ئېكىسكۇرسىيە ئۆمىكى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-11-28   
 
2014-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كىيىن، 25 كىشىدىن تەركىپ تاپقان شىنجاڭ ۋەتەنپەرۋەر دىنى زاتلار ئېكىسكۇرسىيە ئۆمىكى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى ھەم سۆھبەت ئۆتكۈزدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجېن ئېچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئىسلام دىنىنىڭ جۇڭگو جەمئىيىتىگە ماسلىىشش جەريانىدىكى بەزى ئۇسۇللارنى، شۇنداقلا ھازىر خەلقئارادىكى ئىسلام دىنىنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتلەر بىلەن قانداق ماسلىشالىغانلىقىنى نوقتۇلۇق تونۇشتۇردى ھەمدە شىنجاڭدىكى دىنى زاتلارنىڭ شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، ئەستايىدىل ئىزدىنىپ، نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتىىپ، كەڭ ئېتىقادچى ئاممىنى تېز تەرەققى قىلىۋاتقان ۋە ئۆزگۈرۋاتقان جۇڭگو جەمئىيىتىگە ماسلىشىشقا يېتەكلەش، شۇنداقلا ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشنى ئۆمىد قىلدى. جەمئىيىتىمىزنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ھاجى بارات رەجەپ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيانقى شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈش، دىنىي ئىشلار، ھەج خىزمىتى، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ژۇرنىلىنىڭ ئەھۋالى، يېڭى دىنىي كىتابلار ۋە جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تور بېتىنىڭ ئېچىلغانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئاخىرىدا جەمئىيەت رەھبەرلىرى ئېكىسكۇرسىيە ئۆمىكى ئەزالىرى ئوتتۇرىغا قويغان، شىنجاڭدىكى خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرى، ژۇرنال ۋە كىتابلاردا ئەرەبچە ئەسلى نۇسخىنى بېرىش، ئەرەبچە «خۇتبە» نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش قاتارلىق بىرقانچە مەسىلىلەرگە جاۋاپ بەردى. ھاجى بارات رەجەپ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
 (مۇھەممەد ئەمىن مەھمۇد خەۋىرى)
 
 
يەنە >>سۈرەتلەر