باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ «قىسقا سۈرىلەر قىرائىتى» تېمىسىدىكى ۋىدىئو ئېلان قىلىندى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-11-25   
2014-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنىپ تاماملانغان «قىسقا سۈرىلەر قىرائىتى» تېمىسىدىكى ۋىدىئو جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدە بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى.
جەمىئىيىتىمىز مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈش، توغرا دىنىي ساۋاتلارنى ئىگەللەشنىڭ قانۇنلۇق يوللىرىنى كېڭەيتىش، قۇرئان كەرىم قىرائىتىنى ئۆگىنىشتە قىلىپلاشقان ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، بۇ يىل 10-ئاينىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەشكىللەنگەن كەسپى سۈرەتكە ئېلىش خادىملىرى شىنجاڭغا بېرىپ ئالدى-كەينى بولۇپ «قىسقا سۈرىلەر قىرائىتى» قاتارلىق تېمىلاردىكى دىنىي بىلىم ۋىدىئولىرىنى سۈرەتكە ئېلىپ تاماملىدى. ھازىر «قىسقا سۈرىلەر قىرائىتى» تېمىسىدىكى ۋىدىئو كىرىشتۈرۈپ ئىشلىنىۋاتىدۇ، يېقىندا مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ ھوزۇرىغا بىر-بىرلەپ سۇنۇلماقچى، قالغان ۋىدىئولارمۇ ئارقا-ئارقىدىن كەڭ كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. «قىسقا سۈرىلەر قىرائىتى»نىڭ مەزمۇنى مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك دىنىي تۇرمۇشىدا ئىشلىتىلىدىغان قىسقا سۈرىلەر بولۇپ، شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستىتوتىنىڭ مۇددەرىسى مۇھەممەد ئىسمائىل تەرىپىدىن قىرائەت قىلىنغان.
(قەلبىنۇر ئابدۇقەييۇم خەۋىرى)
يەنە >>سۈرەتلەر