2014-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە، شىياڭگاڭ ئىسلام بىرلەشمىسى ئۆتكۈزگەن «ئىسلام دىنى تىنچلىق، كەڭ قۇرساقلىق ۋە مېھىر-مۇھەببەت دىنىدۇر» تېمىسىدىكى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى شىياڭگاڭنىڭ ئەيچۈن مەسچىتى لىن شىدې ئىسلام مەركىزىدە ئېچىلدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3- مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن نازارەتچىسى خېي دېكۈن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
ئادىل ھاجى كېرىم «ئىسلام دىنى تىنچلىق، كەڭ قۇرساقلىق ۋە مېھىر-مۇھەببەت دىنىدۇر» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. ئۇ ئاۋال جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتگە ۋاكالىتەن مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى ھەمدە بۇ يىل 5-ئايدا شىنجاڭدا ئېچىلغان «ئىسلام دىنى ئوتتۇراھال يول تۇرۇش ئىدىيەسى مۇھاكىمە يىغىنى»نىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىسلام دىنى تىنچلىققا ئىنتىلىدىغان دىن، مۇسۇلمانلار تىنچلىقنى سۆيىدىغان، تىنچلىققا ئىنتىلىدىغان، ئەمەلى ھەرىكىتى ئارقىلىق تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان كوللىكتىپتۇر. ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىق قارىشى ئۇنىڭ ئىدىيە قاراشلىرىدا گەۋدىلىنىپلا قالماستىن مۇھىمى ئەمەلى ھەرىكىتىگە ئايلانغاندۇر. ئىسلام دىنى باشقا دىنلار بىلەن ئىناق ئۆتۈشنى، مۇسۇلمان ئەمەسلەر بىلەن نورمال باردى-كەلدى قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىقلارغا ھۆرمەت قىلىدۇ. كەڭ قۇرساقلىق ۋە مېھىر-مۇھەببەت، ئۆز ئارا تونۇشۇش ۋە چۈشىنىش ئىسلام دىنىنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ يۆلىنىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ تىرىكچىلىك قىلىشىتىكى ئاساسلىق پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرى. ئىسلام دىنى كەڭ قۇرساقلىق، مېھىر-مۇھەببەت ۋە باراۋەرلىكتىن ئىبارەت قىممەت قارىشى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى ئۆزئارا تونۇشۇشقا، ئىتتىپاقلىققا، دوستلۇققا، ئوخشاش پىكىرلەردە بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىشقا، بىرتەرەپلىمە قاراشنى تاشلاشقا ۋە ئارازلىقلارنى يوقىتىشقا يېتەكلەيدۇ.
خېي دېكۈن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىسلام» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى تىنچلىق، ئۇ تىنچلىق ئىدىيەسىنى تارقىتىپلا قالماستىن مۇسۇلمانلارنى تىنچ ئىش-ھەرىكەت بىلەن شوغۇللۇنۇشقا يېتەكلەيدۇ، مۇسۇلمانلاردىن ئوخشىمىغان مىللەتلەر ۋە دىنلارنى ھۆرمەت قىلىشنى، ئىختىلاپنى ۋە سىغىشالماسلىقنى تۆگىتىشنى، جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداشنى، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە ئىسلام تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر ھەققانىيەتنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش، ھەقىقى ئېتىقادنى جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئۆز زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، ئىسلامنىڭ ھەقىقى روھىنى جارى قىلدۇرۇش، مۇسۇلمانلارنىڭ مۇسپەت ئىنىرگىيەسىنى تەشۋىق قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى قوغداش جەھەتتە يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشى لازىم.
شىياڭگاڭ ئىسلام بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى شى خۇي سۆز قىلىپ، بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە نىشانىنى تونۇشتۇردى.
مۇھاكىمە يىغىنىدا، دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلام تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلاردىن دىڭ شىرېن، جاڭ ۋېيجېن، ۋاڭ ۋېنجىي، جىن جىئەنخۇا، جىن خۇڭۋېي، جىن بىياۋ، ۋاڭ گۇەنشۆ، ياڭ شىڭبىن قاتارلىق ئالىملار ۋە دىنى زاتلار يىغىن تېمىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆز قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىق، كەڭ قۇرساقلىق ۋە مېھىر-مۇھەببەت ئىدىيەسىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئىجتىمائى ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلىدى. «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژورنىلى تەھرىر بۆلۈمىدىن دوكتۇر رامىزان مىن جۈنچىڭ «ھەج ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجتىمائى ئەخلاقىنى قايتا قۇرۇش» تېمىسىدا سۆز قىلدى.
(قەلبىنۇر ئابدۇقەييۇم خەۋىرى)