باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

2014-يىللىق جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى جۇڭگو ھاجىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۇتۇقلۇق ئادا قىلىپ، ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-11-13   
ئۆز خەۋىرىمىز: جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇستافا ياڭ جىبو ئۆمەك باشلىقى، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 3-مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىبراھىم لى گې، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى(دىن ئىشلىرى ئىدارىسى)نىڭ مۇدىرى تۇرغان پىدا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇتەللىپ مەتتوختى، گەنسۇ دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شىياۋ يىچۇن، چىڭخەي دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل ما ۋېنبياۋ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئامىر جاڭ گۇاڭلىن، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گاۋ جەنفۇ قاتارلىقلار مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى خەلقئارا ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مۇسا چېن يۈلوڭ باش كاتىپ بولۇپ تەشكىللەنگەن جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرۇپ، جۇڭگودىن بارغان ھاجىلارنىڭ ھەج تاۋاپ قىلىشىغا مۇلازىمەت خىزمىتىدە بولدى.
2014-يىل، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى مەملىكىتىمىزنىڭ 27 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايونىدىن 14466 مۇسۇلماننى ھەج تاۋاپقا ئۇيۇشتۇردى. سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج ۋازارىتى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى گېزىت–ژۇرناللىرىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، 2014-يىل دۇنيا بويىچە مۇقەددەس زېمىنغا كېلىپ ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلارنىڭ سانى 2 مىليونغا يېقىن بولۇپ، بۇلاردىن 163دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن چەت ئەللىك ھاجىلار 1 مىليون 390 مىڭ كىشى، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئۆزىدىن ھەج قىلغۇچىلار 600 مىڭدىن ئارتۇق كىشى بولغان.
جۇڭگو ھاجىلىرى 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ھۆددىگە ئالغان 47 ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭ، لەنجۇ، كۇنمىڭ، يىنچۇەن ۋە ئۈرۈمچى ئايروپورتلىرىدىن يولغا چىقىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ساق-سالامەت يېتىپ بارغانىدى.
جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى دۆلىتىمىزنىڭ بۇ يىلقى ھەج تاۋاپ ئىشلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، “تەرتىپلىك ھەج قىلىش، مەدەنىي ھەج قىلىش ۋە بىخەتەر ھەج قىلىش”نى نىشان قىلىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ جىددە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە ھەمكارلىشىشى بىلەن سىياسىي بىخەتەرلىك ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىكنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ھەربىر جەرياندىكى خىزمەتلەردە بىخەتەرلىكنى ساقلاش خىزمىتىنى مۇۋاپىق ئورۇنداپ، “ئادەمنى ئاساس قىلىش، ھاجىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىش” ئېڭىدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ھاجىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ئۇتۇقلۇق ئادا قىلدى. بۇ جەرياندا جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ھاجىلارنىڭ ھەج تاۋاپ پەرزىنى ئوڭۇشلۇق، ئازادە ۋە خاتىرجەم ئادا قىلىۋېلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا مەككە مۇكەررەمە ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە ئالدىن ياتاق تەييارلاش، ئايروپورتتا كۈتۈۋېلىش، شۇنىڭدەك مىنا، ئەرافات رايونىدىكى يېمەك-ئىچمەك، تۇرار-جاي، قاتناش ئىشلىرىنى ھەل قىلىش ھەمدە ھاجىلارنىڭ كۈندىلىك ئۇچراپ تۇرىدىغان قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش، ئاخىرىدا ھاجىلارنى تۈركۈمگە بۆلۈپ ۋەتەنگە يولغا سېلىش قاتارلىق بىر يۈرۈش خىزمەتلەرنى ئورۇنداپ ھاجىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
بۇ قېتىمقى ھەج مەزگىلىدە، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكى ھاجىلارغا خىزمەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خارجى ئىشلارغا دائىر بىر قاتار پائالىيەتلەردە بولدى: ئۆمەك باشلىقى مۇستافا ياڭ جىبو قوش ھەرەم شېرىپ خادىمى، سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى ئابدۇللا ئىبنى ئابدۇل ئەزىزنىڭ پادىشاھ مۇراسىمى ۋە پادىشاھ زىياپىتىگە داخىل بولدى. ئۆمەك باشلىقى مۇستافا ياڭ جىبو بىر قىسىم ئۆمەك مەسئۇللىرى ھەمراھلىقىدا سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج ۋەزىرى دوكتور بەندەر بىن مۇھەممەد ھەججار، دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللا ئىبنى ئابدۇل مۇھسىن تۈركى، دۇنيا ئىسلام تەرەققىيات بانكىسىنىڭ رەئىسى دوكتور ئەھمەد مۇھەممەد ئەلى قاتارلىق ئەربابلارنى زىيارەت قىلدى، ھەج ۋەزىرى بەرگەن زىياپەتكە داخىل بولدى؛ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ھاجىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئورگىنىنىڭ رەئىسى زۇھەيرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ جۇڭگو ھاجىلىرىغا ئەلا مۇلازىمەت قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، ئۇلارغا جۇڭگونىڭ ھەج تاۋاپقا تەشكىللەش خىزمىتى ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ۋە ھەج مۇلازىمىتىگە دائىر كونكرېت مەسىلىلەر ھەققىدە دوستانە پىكىر ئالماشتۇردى. ئۆمەك مەسئۇللىرى ھەج ۋازارىتى ئۇيۇشتۇرغان مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى؛ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا مۇسۇلمانلىرى ۋە ھەج ئىشلىرى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى. خىزمەت ئۆمىكى يەنە ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ كونا دوستلىرىنى يوقلىدى، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان جۇڭگو مۇھاجىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئۇلارنى مەملىكىتىمىزنىڭ ياخشى ۋەزىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىدىن خەۋەردار قىلدى.
بۇ قېتىمقى ھەج مەزگىلىدە، خىزمەت ئۆمىكى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئەرەبچە ۋە ئىنگلىزچە ئاساسلىق گېزىتلەرنىڭ مۇخبىرلىرىغا جۇڭگو ئىسلام دىنى ئەھۋالى، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۇ يىلقى ھەج قىلىش ئەھۋالى، جۇڭگونىڭ دىن سىياسىتى ھەم ھەج خىزمىتىنى باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇردى ۋە ئۇلار سورىغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مۇناسىۋەتلىك گېزىتلىرىدە يۇقىرىقى ئەھۋاللار توغرىسىدا خەۋەرلەر بېسىلدى.
ھەج مەزگىلىدە جۇڭگونىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لى چېنۋېن، جىددە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ئەنۋەر قاتارلىقلار مەككە مۇكەررەمەگە كېلىپ ھاجىلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. خىزمەت ئۆمىكىدىكىلەرنى ۋە ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ شۆبە ئۆمەك مەسئۇللىرىنى كونسۇلخانىغا تەكلىپ قىلىپ ئۇلاردىن ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا زىياپەت بەردى.
جۇڭگو ھاجىلىرى ھەج پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئادا قىلىپ، 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ھۆددىگە ئالغان 47 ئايروپىلان بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى.
10-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىچكى مۇڭغۇل ھاجىلىرى پايتەخت ئايرودرومىغا يېتىپ كەلدى. دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ لېبىن، 3-مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى خېي دېكۈن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم قاتارلىق رەھبەرلەر ھاجىلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلارنىڭ ھەج تاۋىپىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى قۇتلۇقلىدى. 10-ئاينىڭ 31-كۈنى جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى مۇستافا ياڭ جىبونىڭ يېتەكچىلىكىدە پايتەخت ئايرودرومىغا يېتىپ كەلدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىبراھىم خوڭ چاڭيو قاتارلىق رەھبەرلەر ئايرودرومغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. (ئا)
 
 
 
يەنە >>سۈرەتلەر