باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

مىللەتلەر نەشرىياتى «ئىسلامىيەت ساۋاتلىرىدىن سوئال-جاۋابلار مەجمۇئەسى» نامىدا «قۇرئان كەرىمدىن سوئال-جاۋابلار» قاتارلىق بەش كىتابنى نەشر قىلىپ رەسمىي تارقاتتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-11-05   
ئۆز خەۋىرىمىز: مىللەتلەر نەشرىياتى يېقىندا مەركەزدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى ئارقىسىدا «ئىسلامىيەت ساۋاتلىرىدىن سوئال-جاۋابلار مەجمۇئەسى» نامى بىلەن، «قۇرئان كەرىمدىن سوئال-جاۋابلار»، »ھەدىس شەرىفتىن سوئال-جاۋابلار«، «ئىسلام سەنئىتىدىن سوئال-جاۋابلار»، «»ئىسلامىي ئەدەپ-يوسۇن ھەققىدەسوئال-جاۋابلار» ۋە «مۇسۇلمانچە يېمەك-ئىچمەكلەر ھەققىدە سوئال-جاۋابلار» قاتارلىق بەش پارچە كىتابنى تەرجىمە ۋە نەشر قىلىپ رەسمىي تارقاتتى، ئۇندىن باشقا يەنە « ئىسلام ئەقىدىلىرىدىن سوئال-جاۋابلار»، «ئىسلامىيەتتىكى ئاياللارغا ئائىت بىلىملەردىن سوئال-جاۋابلار» قاتارلىق ئىككى پارچە كىتابنىمۇ يېقىندا نەشر قىلىپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنماقچى.
ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇم بولغايكى، بۇ كىتابلاردا ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنلىرى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلاردىن يورۇتۇپ بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن، ھەربىر پارچە كىتاب ئىدىيەۋى قاراش ۋە يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى جەھەتتە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۆزگىچە. بۇ كىتابلاردا «قۇرئان كەرىم»، «ھەدىس شەرىف» ئاساسىي بىلىملىرى، ئىسلامىيەتتىكى ئىمان-ئېتىقاد، يېمەك-ئىچمەك، قائىدە-يۇسۇن، ئەدەپ-ئەخلاق پىرىنسىپلىرى، ئىسلام سەنئىتى ۋە ئاياللارغا دائىر مەلۇماتلار سۇئال-جاۋاپ شەكلىدە چۈشىنىشلىك ۋە ئىخچام ھالدا تۇنۇشتۇرۇلغان. شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش زۆرۈركى، بۇ مەجمۇئە ئەسلىدە گەنسۇ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن خەنزۇچە نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئىسلامىيەت ھەققىدە يېزىلغان ئىلگىرىكى نۇرغۇن ئىلمىي ئەسەرلەردىن، مۇئەللىپلىرىنىڭ پۈتۈنلەي مۇسۇلمان ئىكەنلىكى بىلەن پەرقلىنىدۇ. مىللەتلەر نەشرىياتى بۇ مەجمۇئەنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ۋە تەھرىرلىككە ئۇيۇشتۇرۇشتا مەخسۇس كەسپ ئەھلىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، لىللالىق، كەڭ قورساقلىق ۋە تىنچلىقنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئىسلامغا خاس دىنىي روھنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تولۇق ئىپادىلەپ، ئىمان-ئېتىقادنىڭ ماھىيىتىنى يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشقان. ئىشىنىمىزكى، ئۇشبۇ مەجمۇئەنى ئوقۇپ بەھرىمەن بولغان ھەر ساھە ئوقۇرمەنلىرى ئىسلامىيەتكە دائىر ساۋاتلاردىن ئەتراپلىق ئۇچۇرغا ئېرىشەلەيدۇ.
بىز بۇ مەجمۇئەنىڭ ھەر ساھە ئوقۇرمەنلىرىنى تېخىمۇ كەڭ پۇرسەتكە ئېرىشتۈرۈش ئىستىگىدە ، مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى مەسئۇللىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، بۇ مەجمۇئەنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلىرىنى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇرچە تور بېتى ـ جۇڭگو ئىسلام تورىدا بېرىشنى قارار قىلدۇق. مەجمۇئەنىڭ مەزمۇنلىرىنى كۆرمەكچى بولسىىڭىز، ھەر كۈنلۈكى تورىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك كۆزنەكلىرىگە قەدەم تەشرىپ قىلىڭ.
   ئاخىرىدا، بۇ مەجمۇئەنى تۈزۈشكە ئورۇنلاشتۇرغانلار، تۈزۈشكە قاتناشقانلار، تەرجىمانلار ۋە مۇھەررىرلەرنىڭ ھەممىسىگە ئېھتىرام ۋە تەشەككۈر بىلدۈرىمىز! ئاللاھ تائالا مۇشۇ خىزمەتكە ئىشتىراك قىلغان ئاغا-ئىنى، ئاچا-سىېڭىللارغا ئىككى دۇنيالىق خەيرىيەت ۋە سائادەت ئاتا قىلغاي!  (ھاجى بارات رەجەپ خەۋىرى)
يەنە >>سۈرەتلەر