باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بېيجىڭدا قۇربان ھېيتلىق زىياپەت ئۆتكۈزدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-10-09   

ئۆز خەۋىرىمىز: جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 4-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا شىنجاڭ مېھمانسارىيىنىڭ مۇقام زالىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولغان قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لىڭ جىخۇا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋېي، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مابياۋ قاتارلىقلار زىياپەتكە قاتنىشىپ، قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىدى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ دائىمىي  ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن ئاخۇن زىياپەتتە سۆز قىلدى، ئۇ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلامىيەت ئىشلىرىغا قىلغان غەمخورلۇقىغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، پۈتۈن مەملىكەت ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلاردىن ھېيتلىق ھال سورىدى ۋە ياخشى تىلەك تىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى داۋاملىق ھالدا مەملىكىتىمىزدىكى مۇسۇلمانلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى  مائارىپ خىزمەت ھەيئىتى تەسىس قىلدى؛ ئىسلام دىنى ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسى مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتى؛ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تور بېكىتى ئۇيغۇرچە تور بېتى (جۇڭگو ئىسلام تورىuyghur.chinaislam.net.cn  (نى رەسمىي ئېلان قىلدى. ئۇ بۇ يىل ھەجگە بارغان   14500 گە  يېقىن ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىدىن سەمىمىي ھال سوراپ، ئۇلارنىڭ ھەج پەرزىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. ئۇ يەنە: ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز 65 ياشقا كىرگەنلىكىنى كۈتۈۋالدى، مۇشۇنداق قوش خۇشاللىق پەيتلىرىدە، ۋەتەننىڭ گۈللەپ روناق تېپىشى، خەلقنىڭ بەخت-سائادەتلىك، خاتىرجەم بولۇشى، ئىنسانىيەتنىڭ ئىتتىپاق، ئىناق، دۇنيانىڭ تىنچ-ئامان بولۇشىنى تىلەيمەن، دېدى.

تەكلىپكە بىنائەن زىياپەتكە يەنە مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ يىجۇڭ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى جىڭتيەن، دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن، مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ لېبىن، جۇڭگو خەلق تاشقى ئالاقە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فېڭ زوكۇ، جۇڭگو ئاكسىيە جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ شىنخۇا، بېيجىڭ شەھەرلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چى ۋېيشېڭ قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى

ئەرەب ئەللىرىنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ئوماننىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى ئابدۇللا سائاد ھەم 40 نەچچە ئىسلام دۆلىتىنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى، بېيجىڭدىكى چەت ئەللىك مۇسۇلمانلار ۋەكىللىرى، مەركەز ۋە بېيجىڭدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە مۇسۇلمانلار ۋەكىللىرى بولۇپ 280 نەچچە ئادەم زىياپەتكە قاتناشتى.

 
 
 
 
 
 
 
 

 

 

 

 
يەنە >>سۈرەتلەر