باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزدىن 12000 دىن ئارتۇق ھەج قىلغۇچى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-09-19   
 ئۆز خەۋىرىمىز: بۇ يىل دۆلىتىمىزدىن 14500 ئادەم ھەج قىلىدۇ. 9-ئاينىڭ 5-كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ بىرىنچى تۈركۈمدىكى ھاجىلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قاراپ يولغان چىققاندىن باشلاپ 9-ئاينىڭ 17-كۈنىگە قەدەر 12000 ھاجى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا سەپەر قىلدى. 20-چىسلا دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ھاجىلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. 2014-يىللىق ھەج پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىش ۋاقتى 10-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە دەپ مۆلچەرلەنمەكتە. ھەج پائالىيىتى ئاخىرىلاشقاندىن كېيىن، ھاجىلار 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ ئارقا ئارقىدىن ئاپرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ دۆلىتىمىزگە قايتىپ كېلىدۇ.
2014-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئىچكى موڭغۇلدىن كەلگەن 297 نەپەر ھاجى 9567CA نۇمۇرلۇق ئاپرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭدىن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قاراپ يولغا چىقتى. دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ لېبىن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قۇشۇمچە باش كاتىپى بەدرىددىن گو چېڭجىن، مۇئاۋىن رەئىس ئادىل ھاجى كېرىم، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يەھيا قاتارلىقلار بېيجىڭ خەلقئارا ئايروپورتقا چىقىپ ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدى.
جاڭ لېبىن ھاجىلارغا ئىسلام دىنىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياخشى ئوبراز تىكلەپ، ھەج پەرزىنى ياخشى ئادا قىلىپ سالامەت قايتىپ كېلىشنى ۋە باشقا دۆلەت ھاجىلىرىغا جۇڭگو ھىكايىسىنى سۆزلەپ جۇڭگو ئاۋازىنى يەتكۈزۈشنى تەۋسىيە قىلدى. بەدرىددىن گو چېڭجىن ۋە باش ئەلچى يەھيالار ئايرىم ئايرىم ھالدا ھاجىلارغا گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.

(مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر خەۋىرى؛ تەھرىرلىگۈچى: ھاجى بارات رەجەپ)

يەنە >>سۈرەتلەر